Chinese→Uyghur主要词典
井上馨
دۇنيا تارىخى
ئىنوۋى كائورۇ
(1915 - 1835) ياونىيىنىڭ مېيجى، تائىستو دەۋرلىرىدىكى مۇھىم دۆلەت ئەربابى. ناگاسۇ ۋاسساللىقىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك سامۇرايدىن كېلىپ چىققان. مىلىتارىستلىقنى ئاغدۇرۇپ يېڭىلىق كىرگۈزۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. مېيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا مەسلىھەتچى خەلق ئىشلىرى ۋەزىرى، خەزىنە ۋازارىتىنىڭ باش ياردەمچىسى بولغان. 1873 - يىلى ئېتوشىمىپىي بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، ئەمىلىدىن ئىستېپا بېرىپ مىتسۇ بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك سودىگەرلەر بىلەن شەنشۇ شىركىتىنى (مىتسۇ ماددىي ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ ئاساسى) قۇرۇپ، تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللانغان. 1875 - يىلى سىياسىي ساھەگە قايتىپ، پەۋقۇلئاددە مۇئاۋىن تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچىلىككە تەيىنلىنىپ، تولۇق ھوقۇقلۇق ئىش بىجىرىش ۋەزىرى كۇرودا كىيوتاكا بىلەن بىرگە چاۋشيەنگە بارغان. كېيىنكى يىلى چاۋشيەننى <كاڭخا شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبورلىغان. 1878 - يىلى ئالىي پالاتا ئەزاسى، قوشۇمچە سانائەت ئەمەلدارى بولۇپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ سانائەتنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان. كېيىنكى يىلى تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىقىغا يۆتكىلىپ، شەرتنامىلەرنى ئۆزگەرتىش سۆھبىتىگە مەسئۇل بولغان. شۇ مەزگىلدە <ياۋروپالاشتۇرۇش> سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن مەملىكەت ئىچىدىكىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. 1885 - يىلى ئىتو كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى. 1888 - يىلى كۇرۇدا كابىنېتىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە سودا ئىشلىرى ۋەزىرى. 1892 - يىلى يىلى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىتو كابىنېتىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى. 1898 - يىلى 3 - نۆۋەتلىك ئىتو كابىنېتىنىڭ خەزىنە - مالىيە ۋەزىرى بولغان. 1901 - يىلى گېنرو بولغان. 1907 - يىلى ماركىز ئۇنۋانى بېرىلگەن.