Chinese→Uyghur主要词典
技能
پارقازان، بېسىملىق باك
jì néng
ھۈنەر، قول ھۈنىرى، تېخنىكىلىق سەۋىيىسى، ماھارەت تېخنكىلىق ئىقتىدارDمائارىپ
jì néng
ئىقتىدار، ماھىرلىق، تېخنىكىلىق ئىقتىدارDئۇنىۋېرسال
jì néng
قابىلىيەت، ماھارەت، ئىقتىدار
تېخنىكا، تېخنىكىلىق
Dتەنتەربىيە
jì néng
تېخنىكلىق ئىقتىدار، ماھارەتDئېلېكترون، ئۇچۇر
jì néng
قابىلىيەت، تېخنىكاDئېلېكترون، ئۇچۇر
jì néng
قابىلىيەت، تېخنىكاDئېلېكترون، ئۇچۇر
jì néng
قابىلىيەت، تېخنىكا
پسىخولوگىيە
ماھارەت
بۇ مۇئەييەن بىلىم، تەجرىبىنى تەتبىقلاپ، مەلۇم خىلدىكى پائالىيەتنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش. ماھارەت مەشق ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. ماھارەت سۈرئىتى تېز، توغرا، ئاپتۇماتلىشىش باسقۇچىغا يەتكەندە، بۇ ماھىرلىق ( ئۇستىلىق ) دەپ ئاتىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر قايسى پەننى ئۆگىنىشتىن ئالغان بىلىمى ئۆزلەشتۈرۈش يەنى چۈشىنىپ ئالغان سەۋىيىدە توختاپ قالماسلىقى كېرەك. بىلىم مۇناسىپ ماھارەتكە ئايلانغاندىلا، ئاندىن بىلىم ۋەزىپىنى تاماملاشتا تېگىشلىك رول ئوينىيالايدۇ. بىلىمنى ئۆزلەشتۈرۈش ماھارەتنىڭ شەكىللىنىش ئاساسى، لېكىن بىلىمنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئىلگىرى شەكىللەنگەن ئاساسى ماھارەت بولۇشى كېرەك. مەسلەن، دەرسلىكتىكى بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇش ماھارىتىگە ئىگە بولۇش كېرەك. بىلىم ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن ماھارەتنىڭ شەكىللىنىشى ئۆز ئارا باغلىنىشلىق ھەم يەنە بىر - بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. بۇلار بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ ھەم بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ماھارەت ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھەرىكەت ماھارىتى ( ياكى مەشغۇلات ماھارىتى ) بىلەن ئەقلىي ماھارەتكە بۆلۈنىدۇ. ھەرىكەت ماھارىتى دېگىنىمىز، تاشقى ئەمەلىي مەشغۇلاتتا ئىپادىلەنگەن ماھارەتتىن ئىبارەت. بۇ خىل ماھارەت سۆڭەك، مۇسكول بىلەن، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسمىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىر ۋەزىپىنى ئورۇنلاش جەريانىدا چېتىشىدىغان بىر قاتار ئەمەلىي ھەرىكەتلەر مۇكەممەل، مۇۋاپىق تەشكىللىنىپ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغاندا، بۇ ھەرىكەت ماھارىتى بولىدۇ. مەسلەن، خەت يېزىش، رەسىم سىزىش، توپ ئويناش، ماشىنىنى باشقۇرۇش ماھارەتلىرى ھەرىكەت ماھارەتلىرىگە كىرىدۇ. بۇنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ئومۇمەن ئۈچ باسقۇچتىن ئۆتىدۇ: (1) ھەرىكەتنى بىلىش باسقۇچى؛ (2) ھەرىكەتلەرنىڭ باغلىنىش باسقۇچى ؛(3) ھەرىكەتلەر ماسلىشىشىنىڭ مۇكەممەللەشكەن باسقۇچى. ئەقلىي ماھارەت ئىچكى نۇتۇقنىڭ ياردىمى بىلەن مېڭىدە مەسلە ھەل قىلىشنى بىلىش پائالىيىتىنىڭ ئۇسۇلى. بۇنىڭ ماھىيەتلىك جۇسۇسىيىتى ( ئالاھىدىلىكى ) توغرا تەپەككۇر قىلىش. مەسلەن، ئوقۇش، كۆڭۈلدە ھېسابلاش، ئەسەر يېزىش ماھارەتلىرى ئەقىلىي ماھارەتكە كىرىدۇ.
ئەقلىي ماھارەت تەسەۋۋۇر خاراكتېرلىك، ئىچكى يوشۇرۇنلۇق ۋە ئاددىي يىغىنچاقلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە. ئۇ يەنە، مەخسۇس ئەقلىي ماھارەت ۋە ئومۇمىي ئەقلىي ماھارەتلەرگە بۆلۈنىدۇ. مەخسۇس ئەقلىي ماھارەت مەلۇم خىلدىكى مەخسۇس ئەقلىي پائالىيەت جەريانىدا شەكىللىنىدۇ. مەسلەن، ئوقۇش، ماقالە يېزىش، ھېسابلاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىدە ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئەڭ ئاساسىي مەخسۇس ماھارەتلەردۇر. ئومۇمىي ( ئادەتتىكى ) ئەقلىي ماھارەت ئادەتتىكى ئەقلىي پائالىيەتلەردە شەكىللىنىدۇ. ئۇ بىر قەدەر ئومۇمىيلىق ( ئادەتتىكىچە ) ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. مەسلەن، ئادەتتىكى كۆزىتىش، خاتىرە، ئاڭلاش مايىللىقى، چۈشىنىش، مەسلىنى ئانالىز قىلىپ ھەل قىلىش پائالىيەت ئۇسۇللىرى ئومۇمىي ئەقلىي ماھارەت ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدىن ھەرىكەت ماھارىتىمۇ مەخسۇس ھەرىكەت ماھارىتى، ئومۇمىي ھەرىكەت ماھارىتىگە بۆلۈنىدۇ.
بىلىش بىلەن پائالىيەتنىڭ بىرلىكى نوقتىئىنەزەرىدىن ئالغاندا ھەرىكەت ماھارىتى بىلەن ئەقلىي ماھارەت بىر - بىرىدىن پەرقلىق يەنە ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولىدۇ. تاشقى ھەرىكەت ئەقلىي ماھارەت شەكىللىنىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسى، ھەم دائىملىق گەۋدىلىنىشى، ئەقلىي ماھارەت تاشقى ھەرىكەتنى تەڭشىگۈچى، بۇ ئىككىسى ئۆز ئارا سىڭىشكەن بولىدۇ. مۇرەككەپرەك پائالىيەتنى ئورۇنلاش جەريانىدا ئەقلىي ماھارەتلا زۆرۈر بولۇپ قالماستىن، ھەرىكەت ماھارىتىمۇ زۆرۈر. مەلۇم خىلدىكى ماھارەتنىڭ قايسى ماھارەتكە كىرىدىغانلىقىنى ئېنىقلاشتا، پائالىيەتنىڭ يېتەكچى تەركىبىنىڭ نېمىلىكىگە قارايمىز. مەسلەن، خەت يېزىش، رەسىم سىزىشلار ھەرىكەت ماھارىتىگە كىرىدۇ، لېكىن ئۇ ئەقلىي پائالىيەتتىن ئايرىلمايدۇ. كىتاب ئوقۇش، ماقالە يېزىش، ھېسابلاش ماھارىتى ئاساسەن ئەقلىي مەشغۇلات ھەرىكىتىدىن ئايرىلالمايدۇ.