Chinese→Uyghur主要词典
基伦
دۇنيا تارىخى
كلون
(مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرى) ئافىنالىق. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن چىققان. مېگارا ھۆكۈمرانى تېئاگېنېسىنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 406 يىل ئىلگىرى ئولىمپىيە مۇسابىقىسدە غەلىبە قىلىپ، شۆھرەت قازانغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 632 يىل ئىلگىرى ئاددىي خەلقنىڭ ئاقسۆڭەكلەرگەن بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، تېئاگېنېسنىڭ قوللىشى بىلەن شىرىكلىرىنى باشلاپ ئافىنا شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ ھەربىي ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىنى بەرپا قىلماقچى بولغان، لېكىن ئارخون مېگاكلېس تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ تولىسى ئافىنا ئىبادەتخانىسىنىڭ نەزىر - چىراغ سۇپىسىدا پاناھلىنىپ (مۇقەددەس جايدا قاچقۇچىلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ)، ئاچارچىلىقتا قالغان؛ ئافىنا دائىرىلىرى ئۇلار تەسلىم بولسا ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىققا ماقۇل بولغان، لېكىن ئۇلار نەزىر - چىراغ سۇپىسىدىن چىققاندىن كېيىن ئوخشاشلا ئۆلتۈرۈلگەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
基伦〈伊朗〉
jī lún
كىلۇن