Chinese→Uyghur主要词典
济金根
دۇنيا تارىخى
سىكىنگېن
(1481 - 1523) 1522، 1523-يىللىرىدىكى گېرمانىيە رىتسارلار توپىلىڭىنىڭ Ⅴ نىڭ مۇقەددەس رىم ئىمپېرتورى بولۇپ سايلىنىشىغا ھەمكارلاشقان. 1520-يىلى گېرمانىيە گۇمانىزمچىسى ھۇتتېننى تەسىرىگە ئۇچراپ، دىني ئىسلاھاتنى قوللاپ، گېرمانىيىنىڭ پارچىلىنىش ھالىتىنى تۈگىتىشكە ئۇرۇنۇپ، ئىمپېراتور باشچىلىقىدىكى رىتاسالارنى تايانچ قىلغان، بىرلىككە كەلگەن پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇشقا تىرىشقان. 1522-يىلى رېين، شىۋابىيە، فرانكونىيە رىتسارلار ئىتتىپاقىنى قۇرغان ھەمدە شۇ يىلى 9-ئايدا 6 - 7 مىڭ كىشىلىك توپىلاڭ ئۇيۇشتۇۇرپ، ترېئو (گېرمانىيىنىڭ رېينلاند پفالتىس شتاتىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە) دىكى ئارخىئېپىسكوپقا قارشى چىققان. بىراق دېھقانلار بىلەن شەھەر ئاھالىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن مەغلۇپ بولۇپ، 1523-يىلى 5-ئايدا يارىلىنىپ ئۆلگەن.