Chinese→Uyghur主要词典
基尔瓦王朝
دىن
jī ěr wǎ wáng cháo
伊
ئىسلام دىنى
كىلۋا سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
كىلۋا سۇلالىسى
قەدىمكى شەرقىي ئافرىقىنىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەر بەگلىكى دۆلىتى. Ⅶ ئەسىردىن تارتىپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئەرەبلەر ۋە پارىسلار كەينى - كەينىدىن شەرقىي ئافرىقىنىڭ دېڭىز بويىغا جايلىشىپ، سودا شەھىرى بازىرى قۇرغان. مىلادى 975 - يىلى ئەلى بىن ھاسان كىلۋانى پايتەخت قىلىپ سۇلالە قۇرۇپ، مومباسا، پېمبا قاتارلىق جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى دۆلەتلەر، ئەرەب يېرىم ئارىلى، پېرسىيە، ھىندىستان ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان سودىنى ئەۋج ئالدۇرغان. ⅢⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا شانگالارنى يېڭىپ، سۇفالا ۋە ئالتۇن، پىل چىشى سودىسىنى كونترول قىلغان. ⅤⅩ ئەسىردە خارابلاشقان. 1502 - پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى بېسىپ كىرىپ ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبور بولغان. <زېنج شەھەر بەگلىكى> گە قاراڭ.