Chinese→Uyghur主要词典
捷马利
دۇنيا تارىخى
كېمالى
ئالبانىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. فېئدال ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ مەمۇرىي ئورگىنىدا خىزمەت قىلغان. 1900 - يىلى ئەتىيازدا مىللي ھەركەت پروگراممىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، بالقاننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى قوغداش، ئالبانىيەنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىنى ئشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1908 - يىلى ياش تۈركىيە پارتىيىسى ئىنقىلابىدا ئاساسىي قانۇن تۈزۈم يىغىنىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاقلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ، بالقاندىكى مىللەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ياش تۈركىيە پارتىيىسىگە قارشى تۇرغان. كېيىن تۈركىيە پارلامېنتى ئالبانىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۆمىكىگە كىرىپ مۇستەقىللىك ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1912 - يىل 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ۋىلورادا مىللىي مەجلىسكە رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئالبانىيەنىڭ مۇستەقىللىكىنى جاكارلىغان ھەمدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلغان. 1914 - يىلى 6 - ئايدا بېكرگلابېن ۋەقەسىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇشقا مەجبور بولغان.