Chinese→Uyghur主要词典
捷林斯基
دۇنيا تارىخى
زېلىنىسكى
(1861 - 1953) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقلىق ئالىم. 1889 - يىلى نوۋوروسسىكى داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1893 - يىلىدىن تارتىپ موسكۋا داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1911 - يىلى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل مائارىپ سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن خىزمىتى ئېلىپ تاشلانغان. سوۋېت ھاكىمىيىتى يىللىرىدا، يېڭىۋاشتىن مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ ئورگانىڭ كاتالىز ساھەسىنى تەتقىق قىلغۇچى ئىلمىي ئېقىمنى بەرپا قىلىپ، نېفىتتىن تۈرلۈك كاربوگىدراتلار ئېلىش (بىرىكمە بوياق، سۈنئىي كاۋچۇك، سۇلياۋ ۋە تېببىي دورا قاتارلىقلارغا كېرەكلىك خام ئەشيا) ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويغان. شۇنداقلا ئاقسىل خىمىيسى تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان. ئاكتىپ كۆمۈرنى زەھەردىن ساقلىنىش ماددىسى قىلىش (زېلىنىسكى - كومانت زەھەردىن ساقلىنىش قالپىقى)نى ھەممىدىن بۇرۇن ئوتتۇرغا قويغان.