Chinese→Uyghur主要词典
基督教社
دۇنيا تارىخى
خرىستىئان سوتسىيالىستلار پارتىيىسى
ئاۋسترىيە كاتولىك مۇرىتلىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل پارتىيىسى. 1887-يىلى قۇرۇلغان. بۈيۈك نېمىس مىللەتچىلىكىنى تەرغىپ قىلغان، سىنىپىي تىنچلىقنى كۆككە كۆتۈرگەن، ئىجتىمائىي زىددىيەتنى <ئىناقلىق ۋە مېھرىبانلىق روھى> بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا < كىچىك ئەربابلارنى قوغداش، چوڭ كاپىتالىستلارغا تاقابىل تۇرۇش> دېگەنگە ئوخشاش كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان شوئار بىلەن، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە دېھقانلار ئىچىدە مەلۇم تەسىرگە ئىگە بولۇۋالغان. لېكىن 1910-يىلدىن كېيىن ئەسلىدىكى شوئارىدىن ۋاز كېچىپ، ئوچۇقتىن - ئوچۇق چوڭ سانائەتچىلەر، بانكىرلار ۋە چوڭ پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ پارتىيىسى بولۇپ قالغان. 1938-يىلى، گېرمانىيە فاشىستلىرى ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ پارتىيە سىياسىي جەھەتتە غايىپ بولغان. 1945-يىلى ئاۋسترىيە خەلق پارتىيىسىگە ئايلانغان.