Chinese→Uyghur主要词典
基督教
دىن
jī dū jiào
基
خىرىستيان دىنى
خرىستىئان دىنى؛ ناسارا دىنى، مەسىھ دىنى، ئيسا دىنى، نەسرانى دىنى
مائارىپ
jī dū jiào
خرىستىئان دىنىDتارىخ
jī dū jiào
تىرستىئان دنىنىڭ كالامىDئۇنىۋېرسال
jī dū jiào
خرىستىئان دىنى، خرسىتىئانىزم
دۇنيا تارىخى
خرىستىئان دىنى
دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىن (بۇددا دىنى، خرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنى) نىڭ بىرى، قىددىس ئەيسانى قۇتقۇزغۇچ ئىگەم دەپ چوقۇنىدىغان دىنىي مەزھەپلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇنى قىددىس ئەيسا بەرپا قىلغان. تارىختا كاتولىك دىنى، پراۋوسلاۋىيە دىنى، پروتېستانت دىنى ۋە بەزى ئۇششقا مەزھەپلەر شەكىللەنگەن. مىلادى Ⅰ ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىدە (كىچىك ئاسىيا ۋە پەلەستىن ئەتراپىدا) ئەۋج ئېلىپ، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئافرىقىغا تېز تارقالغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى خرىستىئان دىنى يەھۇدىي پروتېستانت مەزھىپى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان، ئۇنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ تولىسى نامرات خەلق ۋە قۇللار بولۇپ، ئۇلار رىم زوراۋانلىقىغا، بايلارنىڭ رەھىمسىزلىكىگە قارشى تۇرغان، باۋارەرلىك ۋە تەڭ تەقسىم قىلىش ئىدىيىسىگە ئىگە. ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئاساسەن: خۇدا (تەڭرى) ئىنسانلار ۋە جىمى نەرسىنىڭ ياراتقۇچىى ۋە ئىگىسى، لېكىن ئىنسان دەسلەپتىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، چوڭقۇر ئازاب - ئوقۇبەتكە قالغان، پەقەت خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى قىددىس ئەيسا (قۇتقازغۇچ ئىگەم) لا ئىنسانلارنى قۇتقۇزالايدۇ، كىشىلەر بۇ دۇنيادىكى جەبرى - جاپاغا تاقەت قىلسا، ئۆلگەندىن كېيىن جەننەتكە كىرىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. بۇ رىم ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى كەڭ تۆۋەن قاتلام خەلقنىڭ ئېچىلىنىشلىق سەرگۈزەشتى ۋە ساداسىنى، شۇنداقلا رېئال تۇرمۇشتا قارشىلىقتىن نەتىجە بولمىغان، ياخشىلىنىشتىن ئۈمىد بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن دىندىن چىقىش يولى تېپىشقا ئۆتكەن پاسسىپ ئىدىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مىلادى Ⅱ، Ⅲ ئەسىرلەردىن كېيىن، مۈلۈكدارلار سىنىپىدىكىلەرنىڭ دىنغا كىرىشى ۋە دىنىي جەمئىيەتنىڭ رەھبەلرىك ھوقۇقىنى قولغا ئېلىشىغا ئەگخشىپ، خرىستىئان دىنى ئېزىلگۈچىلەر دىنى بولۇش خاراكتېرىنى پەيدىنپەي يوقىتىپ، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلارنىڭ قورالىغا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە <دۇنيانىڭ يارىتىلىشى>، <تۇنجى گۇناھ>، <گۇناھىنى يۇيۇش>، <جەننەتتە ئاتا قىلىنغان نېمەتلەر> قاتارلىق سىستېمىلىق ئەقىدىنى بەرپا قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي دەستۇرى <ئىنجىل> (<تەۋرات>، <ئىنجىل>9. رىم ھۆكۈمرانلىرى دەسلەپ خرىستىئان دىنى كوممۇنىلىرىغا قارىتا باستۇرۇش تەدبىرىنى قوللانغان، Ⅳ ئەسىردە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئۆتكەن ھەمدە ئۇنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىغان. ئەنئەنىۋى دىنىي ئەقىدىلەرنى تۈزۈپ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى <بىدئەت> قاتارىدا جازالىغان. دىنىي جەمئىيەت تۈزۈلمىسى ۋە دىنىي تەبىقە تۈزۈمىمۇ تەدرىجىي شەكىللەنگەن. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغان )مىلادى 476 - يىلى( دىن كېيىن، قۇللۇق جەمئىيەتتىن فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئۆتۈش بىلەن تەڭ، خرىستىئان دىنىمۇ قۇلدارلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن فېئوداللار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئۆتكەن. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادا، رىم پاپا ئوردىسى باشچىلىقىدىكى كاتولىك دىنى فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى بولغان، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئەڭ چوڭ فېئودال بولغان؛ئۇ ئىدېئولوگىيە ۋە ئىلىم - پەننى ئىلاھىيەنىڭ كونتروللۇقى ئستىغا ئېلىپ، <دىنىي سوت> قاتارلىق ئورگانلار ئاقرىلىق ئىلغار ئىش ۋە ئىلغار ئىدىيىلەرنى دەھشەتلىك تۈردە باستۇرغان. 1054-يىلى شەرق، غەرب دىنىي جەمئىيەتلىرىدە چوڭ بۆلۈنۈش بولۇپ، شەرقتە <پراۋوسلاۋىيە دىنى> )پراۋوسلاۋ دىنى ياكى يۇنان پراۋوسلاۋىيە دىنى( كونستانتىنوپولنى مەركەز قىلغان، دىنىي ھوقۇق ئاساسىي جەھەتتىن شەرقىي رىم پادىشاھىغا مەنسۇپ بولغان؛ غەربتە <ئادىل دىن> )كاتولىك دىنى( رىم پاپا ئوردىسىنى مەركەز قىلىپ، دەھرىي پادىشاھ ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇزاققىچە كۈرەش قىلغان )<ھاكىمىيەت بىلەن دىن ماجىراسى>(. كاتولىك دىنىي جەمئىيىتى خرىستىئان دىنىنى قوغداش نامى بىلەن سەككىز قېتىم )1096 - 1291 - يىللىرى ئارىلىقىدا( ئەھلىسەلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ شەرققە يۈرۈش قىلغان. 1517-يىلى گېرمانىيىدە ئالدى بىلەن دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى قوزغالغان، كېيىن ئۇ باشقا جايلارغا كېڭەيگەن، شۇنىڭ بىلەن <پروتېستانت دىنى> پەيدا بولغان؛ پروتېستانت دىنى كاتولىك دىنى كۈچلىرىگە زەربە بېرىپ، ئۇنى نۇرغۇن مەزھەپلەرگە پاچىلاپ، بۇرژۇئازىينىڭ گۈللىنىش ۋە مىللىي دۆلەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ تەرەققىي قىلغان. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، خرىستىئان دىنى غەرب كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە مۇستەملىكىچىلىك - كېڭەيمىچىلىك قىلىشتىكى قورالى بولۇپ قالدى. ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قىتئەلىرىگە تېخىمۇ كەڭ تارىلىپ، تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان دۇنياۋى دىن بولۇپ قالدى. خرىستىئان دىنىنىڭ بەزى مەزھەپلىرى تاڭ سۇلالىسى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرلىرىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگوغا يېتىپ كەلگەن، لېكىن كەڭ تارلامىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىا كاتولىك دىنى يەنە بىر قېتىم كىرگەن. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە روسىيە رۇس پراۋوسلاۋىيە دىن تارقاتقۇچىسى )1453-يىلدىن كېيىن پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ مەركىزى روسىيىگە يۆتكەلگەن( نى جۇڭگوغا ئەۋەتكەن. پروتېستانت مەزھەپلىرىمۇ ئەپيۇن ئۇرۇشىنىڭ ئالدى - كەينىدە كەينى - كەينىدىن كىرگەن. ئۇلارنىڭ تولىسى مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشتىكى قورالى بولغان. جۇڭگو ئادىتىدە كاتولىك دىنى )كونا دىن( دىن پەرق قىلىدۇ، ئادەتتە پروتېستانت دىنىنى خرىستىئان دىنى دەپ ئاتايدۇ.
دىن
基督教(新教
jī dū jiào
基
خىرىستيان دىنى
پروتېستانتىزم
دىن
jī dū jiào
پروتېستانتىزم