Chinese→Uyghur主要词典
基贝隆登陆
دۇنيا تارىخى
چىبېرون قۇرۇقلۇققا چىقىشى
فرانسىيە تومۇز ئايچىلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى قاچقۇنلارنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلىڭى. چىبېرون (برېتانې چېگرىسى ئىچىدە) يېرىم ئارىىدا قۇرۇقلۇققا چىققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ۋېندې توپىلىڭى تىنچىلىتىلغاندىن كېيىن، فرانسىيىدىكى گراف پىسايې (1755 - 1827) بىرتانىيىدىكى قالدۇق خۇئانچىلاردىن پايدىلىنىپ يەنە بىر قېتىم توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولغان ھەمدە ئەنگلىيىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى پىتت فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە كەينى - كەينىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقتىن، تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن فرانسىيە ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پسايېنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىنى قوللىغان. 1795-يىلى 6-ئايدا، ئەنگلىيە قوراللاندۇرۇپ بەرگەن 10 مىڭغا يېقىن فرانسىيىلىك توپىلاڭچى قوشۇن ئەنگلىيە فلوتىنىڭ مۇھاپىزىتى بىلەن، چىبېرون يېرىم ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، قالدۇق خۇئانچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ پارىژغا يۈرۈش قىلىپ، بوربۇن سۇلالىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھوسې (1768 - 1797) يېتەكچىلىكىدكى جۇمھۇرىيەتچى ئارمىيە تەرىپىدىن ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ قىلىنغان.