Chinese→Uyghur主要词典
家长权隶制
دۇنيا تارىخى
پاترىئارخاللىق قۇللۇق تۈزۈمى
<پاترىئارخاللىق قۇللۇق تۈزۈمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قۇللۇق تۈزۈمنىڭ بىرخىل شەكلى. ئومۇمەن ئېيتقاندا تەرەققى تاپقان قۇللۇق تۈزۈمنىڭ تەكتى. ئاساسەن ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچى (يۇناندىكى <قەھرىمانلىق دەۋرى>)دا پەيدا بولغان. ئۇ چاغدا چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق سەل تەرەققى قىلىپ، ئەمگەك كۈچلىرىگە نىسبەتەن يېڭى ئېھتىياج كېلىپ چىققان، قوۋمدىكى ئازسانلىق جەمەتلەر ئۇرۇشتا ئېلىنغان ئەسىرلەرنى، كېيىنرەك قەرزنى قايتۇرالمىغانلارنى قۇل قىلىپ، بەزى قوشۇمچە ئەمگەكلەرگە سېلىشقا باشلىغان؛ پاترىئارخال باشچىلىقىدىكى جەمەت ئەزالىرىمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدىن ئايرىلمىغان. سىنىپىي جەمئىيەت شەكىللەنگەندىن كېيىن، قۇللارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان بۇنداق شەكىل يەنە تەرەققى قىلغان ھەمدە قەدىمكى زاماندىكى شەرق غەرب دۆلەتلىرىدە كەڭ مەۋجۇت بولغان، پاترىئارخال يالغۇز قۇللارغىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز جەمەتىنىڭ ئەزالىرىغا نىسبەتەنمۇ ناھايىتى چوڭ ھوقوققا ئىگە بولغان(خۇددى <ئاسسۇرىيە قانۇنى>داكۆرگىنىمىزدەك). ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ كېڭىيىشى ۋە تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، قەدىمكى زامان جەمئىيىتىدىكى بەزى رايونلار(مەسىلەن، ئافىنا ۋە رىم)دا، پاترىئارخال قۇللۇق تۈزۈمى تەدرىجىي ھالدا تىپىك قۇللۇق تۈزۈمگە ئۆتكەن. پاترىئارخال قۇللۇق تۈزۈمى ئۆزىنىڭ قالدۇق شەكلى بىلەن فېئوداللىق جەمئىيەتتە ئۇزاق ۋاقىت ساقلانغان. <كىلاسسىك قۇللۇق تۈزۈمى>گە قاراڭ.