Chinese→Uyghur主要词典
甲午革新
دۇنيا تارىخى
جياۋۇ ئىسلاھاتى
1894 - يىلى (جياۋۇ يىلى) چاۋشيەنجىن خۇڭجى كابىنېتى ياپۇنيىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن يۈرگۈزگەن"دۆلەت سىياسىتى ئىسلاھاتى"،جۇڭگو ياپۇنىيە جياۋۇ ئۇرۇشى پارتىلىشىنىڭ ھارپىسىدا،ياپۇنىيە چاۋشىيەنگە ئەسكەر چىقىرىپ ھاكىمىيەت تۇتۇپ تۇرغان مىن فېي گوروھى كۈچلىرىنى قوغلىۋېتىپ،مىن فېي گۇروھىغا قارشى گۇروھنىڭ باشلىقى دايۈەنجۈن ئوتتۇرغا چىقىپ،چىن خۇڭجى باشچىلىقىدىكى مۇستەقىللىك پارتىيىسىنىڭ ئىچكى كابىنېتىنى تەشكىللىگەن.ياپۇنىيە ئەلچىسى ئوشماكېيسۇكېنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە چاۋشىيەننىڭ ئىچكى سىياسىتىنى"ئىسلاھ"قىلغان. يېڭىدىن"مىلىتارىست مەخپى ئىشلار باشقارمىسى"قۇرۇلۇپ سىياسەت بەلگىلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى ئورگان قىلىپ بېكىتىلگەن،بارلىق چوڭ ئىشلار شۇ ئورگاننىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغان. كەينىدىنلا ھۈكۈمەت تارماقلىرى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ،كېڭەش ھۆكۈمىتى ئىچكى كابىنېتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورگىنى قىلغان.ئىچكى كابىنېت باشلىقى باش مىنىستېرۋەزىر دەپ ئاتىلىپ،ئۇنىڭ ئاستىدا سەككىز يامۇل تەسس قىلىنىپ، ئايرىم - ئايرىم ئىچكى ئىشلار، تاشقى ئىشلار، ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان. بۇ ئورۇنلارغا ياپونپەرەس تۆرىلەر قويۇلغان. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرشىدا شۇ يىلنىڭ ئاخىرى پادىشاھ خان جەمەتى ئىبادەتخانىسىدا تاۋاپ قىلىپ، دۆلەت سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىغقا قەسەم قىلغان، ئىسلاھات مەزمۇنىنى چۈشەندۈرىدىغان <خۇڭفەن 14 ماددىسى> نى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىن روسىيە، گېرمانىيە، فرانسىيىلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ياپونىيە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، بۇ ئىش ئاخىرى بەربات بولغان.