Chinese→Uyghur主要词典
假丝酵母
بىئولوگىيە
يالغان يىپلىق ئېچىتقۇ
يېرىمى ئېنىق زەمبۇرۇغلاردىكى بىر ئۇرۇقداش. ئادەتتە مونىلىيا ئەترىتى، يوشۇرۇن شارچە ئېچىتقۇ ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ھۈجەيرىسى دۈگىلەك، تۇخۇمسىمان ياكى تاياقسىمان بولىدۇ، دىئامېترى 3 - 8 مىكرومېتر كېلىدۇ. كۆپ تەرەپتىن بىخ چىقىرىپ كۆپىيىدۇ، يالغان راست باكتېرىيە يىپىنىمۇ ھاسىل قىلىدۇ. قېلىن پوستلۇق سپورا ھاسىل قىلىدۇ، بىراق بوغۇملۇق سپورا ۋە سپورا خالتىلىق سپورىنى ھاسىل قىلمايدۇ، پىگمېنت ھاسىل قىلمايدۇ، كۆپلىگەن تۈرلىرىدە ئىسپىرت ئېچىتىش ئىقتىدارى بولىدۇ. بەزى تۈرلىرى (مەسىلەن، ئىسسىق بەلباغ يالغان يىپلىق ئېچىتقۇسى، ماي پارچىلىغۇچى يالغان يىپلىق ئېچىتقۇ) قەغەز زاۋۇتىدىن چىقىرىۋېتىلگەن سۇلفىد كىسلاتالىق كېرەكسىز سۇيۇقلۇق، شېكەر قىيامى، ياغاچنىڭ گىدرولىزلىنىشىدىن ھاسىل بولغان كېرەكسىز سۇيۇقلۇق ياكى گىدرو كاربونلاردىن پايدىلىنىپ كۆپىيىپ زەمبۇرۇغ ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. زەمبۇرۇغ ھۈجەيرىسى تەركىبىدە زور مىقداردا ئاقسىل، B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىن قاتارلىقلار بولىدۇ. ئۇنى ئوزۇقلۇق، يەم - خەشەك قىلغىلى ياكى داۋالاش دورا مەھسۇلاتلىرىنى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا بەزى يالغان يىپلىق ئېچىتقۇلار نۆۋەتتە خەلقئارادا يەككە ھۈجەيرىلىك ئاقسىلىنى ئىشلەپچىقىرىشتا مۇھىم زەمبۇرۇغ بولماقتا. يالغان يىپلىق ئېچىتقۇدىن پايدىلىنىپ، ئالكان، شېكەر قىيامى ياكى بەزى قوشۇمچە مەھسۇلاتلار، ياكى كېرەكسىز سۇيۇقلۇقنى خام ئەشيا قىلىپ لىمونات كىسلاتاسي ياكى باشقا ئورگانىك كىسلاتالارنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، بەزىلىرى لىپازا قاتارلىق ئېنزم ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئايرىملىرى ئادەم ۋە ھايۋانلاردا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، ئاق رەڭلىك يالغان يىپلىق ئېچىتقۇ ئادەمدە مېڭە پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يالغان يىپلىق ئېچىتقۇنىڭ تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تارقىلىدىغان مۇھىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.