Uyghur←Chinese主要词典
جياشېن سىياسىي ئۆزگىرىشى
دۇنيا تارىخى
甲申政变
jiǎ shēn zhèng biàn
چاۋشيەن مەرىپەتپەرۋەرلىرىنىڭ 1884-يىلى (جياشىن يىلى) قوزغىغان قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىشى. 1884-يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى مەرىپەتپەرۋەرلەرنىڭ كاتتىباشلىرىدىن خۇاڭ يڭجژ، چىن يۇجۈن، پياۋ يۇڭشياۋ قاتارلىقلار ياپونىيە ئەلچىسى تاكېسويې شىنچىرونىڭ پىلانلىشىدا پوچتا ئىدارىسىنىڭ قۇرۇلۇش زىياپىتى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەت بېشىدىكى مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھىنىڭ مۇھىم ئەبابلىرىغا سۇيىقەست قىلماقچى بولغان بوسىمۇ، ئىشقا ئاشۇرالمىغان. كىنگيو كۇكىن قاتارلىقلار تېزلىكتە خان ئوردىسىغا بېرىپ، جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسى قالايمىقانچىلىق قىلماقچى دەپ يالغان مەلۇمات قىلغان. پادىشاھ ياپونىيە ئەلچىسىنىڭ ئەسكەر ئەۋەتىپ خان ئوردىسىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان. ياپونىيە ئەلچىسى ئوردىغا ئەسكەر باشلاپ كىرىپ، پادىشاھنى جىڭيۇ ئوردىسىغا يۆتكىگەن. مەرىپەتپەرۋەرەر خاننىڭ ئەمرى دېگەن نام بىلەن مۇتەئسسىپلەر گۇرۇھىدىكى مىن يۇڭمۇ، مىن تەيگاۋ قاتارلىقلارنى چاقىرتىپ كېلىپ دەرھال كاللىنىسىن ئالغان. شۇنداق قىلىپ بىر ېچىدىلا مۇتەئەسسىپەر ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، <مەرىپەتپەرۋەرلەر ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، >مەرىپەتپەرۋەرلەر ھاكىمىيىتى<نى تىكلىگەن. ئىككىنچى كۈنى پادىشاھنى چاڭدې ئوردىسىغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەن. ئەمما مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھى جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىدىن ياردەم ئېلىپ 6-كۈنى ئوردىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن، ياپونىيە ئەلچىسى ۋزىيەتنىڭ پايدىسىزلىقىنى كۆرۈپ ئەلچىخانىغا يېنىپ كەلگەن. بۇ قالايمىقانچىلىقتا خۇڭ يىڭجژ، پياۋيۇڭجياۋ (پياۋ يۇڭشياۋنىڭ ئاكىسى) ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. 30 نەچچە ياپونىيىلىك ئۆلگەن، ياپونىيە ئەلچىسى تاكېسويې شىنچىرو ئىنچونگە قېچىپ كەتكەن. پياۋ يۇڭشياۋ، جىن يۇجۇن قاتارلىقلار ياپونىيىدە جېندىن ئايرىلغان. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى ياپونىيە ئىنوئۇيې كائورۇ باشچىلىقىدىكى چوڭ قوشۇننى چاۋشيەنگە ئەۋەتىپ پوپوزا قىلغان. نەتىجىدە >سېئۇل شەرتنامىسى< تۈزۈلگەن.