Chinese→Uyghur主要词典
伽色尼王朝
دىن
gā sè ní wáng cháo
伊
ئىسلام دىنى
ئەل غەزنەۋىييۇن، غەزنەۋى سۇلالىسى، غەزنەۋىلەر سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
غەزنەۋىلەر سۇلالىسى
ئافغانىستاندىكى فېئوداللىق خاندانلىق. ئۇنىڭ پايتەختى غەزنى (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي - جەنۇبىي قىسمىدىكى غەزنە) شەھىرىدە بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. مىلادى 962 - يىلى، سامانىلار خاندانلىقىنىڭ خۇراساندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى ئالپ تىكىن(؟ - 963) غەزنى شەھىرىنى بېسىۋېلىپ، ئۆز ئالدىغا خاندانلىق قۇرۇپ، دەۋران سۈرگەن. ئۇنىڭ ۋارىسى سەبۇك تىكىن(977 - 997 - يىللىرى تەختتە تۇرغان. شىمالىي ھىندىستاندىكى راجپۇتلارنى مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنىنى پىشاۋۇرغىچە كېڭەيتكەن، سامانىلار قۇلىدىن خۇراساننى تارتىۋالغان. ماھمۇد ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە)998 - 1030( ھىندىستانغا كۆپ قېتىم ھەربىي يۈرۈش قىلغان. شىمالىي تەرەپتە قارا خانىيلار سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ، سامانىلار خاندانلىقىنى يۇقاتقان، خارەزمنى ئىستېلا قىلغان ھەمدە غەربكە قاراپ ئىلگىرلەپ ئىرانغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇنىڭ دۆلەت كۈچى راسا روناق تاپقان. سۇلتان مەسئۇد تەخىتتىكى مەزگىلدە)1030 - 1040 - يىللىرى( دۆلەت كۈچى زەئىپلىشىشكە باشلىغان. 1040 - يىى دەندەنەقان )سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مارى ئەتراپىدا( سەلجۇقىلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پۈتكۈل زېمىنىدىن مەھرۇم بولغان. ⅡⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا گۇر خاندانلىقى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، 1149 - يىلى غەزنە شەھىرىنى بېسىۋېلىپ ئوت قۇيۇپ، ۋەيران قىلىۋەتكەن؛ كېيىن بۇ شەھەر غۇز تۈركلىرىنىڭ قۇلىغا ئۆتكەن، شۇڭا پايتەختنى لاھور )ھازىرقى پاكىستاندا( كۆچۈرۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ⅡⅩ ئەسىرنىڭ 70 - 80 - يىللىرى ئۇدا گۇر خاندانلىقىنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچراپ، پىشاۋۇر، سيالكۇت، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ قولدىن كەتكەن. 1186 - يىلى ئاخىرقى ھۆكۈمرانى خۇسراۋ مەللك مۇھەممەت )گۇر خاندانلىقىنىڭ( تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئەسىرگە چۈشكەن، لاھورنىمۇ بېسىۋالغان،شۇنىڭ بىلەن غەزنەۋى خاندانلىقى گۈمران بولغان.