Chinese→Uyghur主要词典
交挽
دۇنيا تارىخى
ئالماشتۇرۇش
كىشىلەرنىڭ ئەمگەك پائالىيىتى ۋە ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇش جەريانى، ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى بىر ھالقا. ئادەتتە تاۋار ئالماشتۇرۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمگەك پائالىيىتىنى ئالماشتۇرۇشتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالماشتۇرۇش ھەممە جەمئىيەتتە مەۋجۇت. تاۋار ئالماشتۇرۇش ئىپتىدائىي جەمئىيەنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى. تاۋار ئالماشتۇرۇش ئەمگەكنىڭ ئىجتىمائىي تەقسىماتىنى ئاساس، مەھسۇلاتنىڭ ئوخشاش بولمىغان مۈلۈك ئىگىلىرىگە تەۋە بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ئالماشتۇرۇش شەكلى دەسلىپىدە نەرسىنى نەرسىگە ئالماشتۇرۇشقا تەرەققىي قىلغان. ئالماشتۇرۇشنىڭ خاراكتېرى ۋە رولى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ خاراكتېرىگە باغلىق بولىدۇ. ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپ جەمئىيىتىدە ئالماشتۇرۇش خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلىپ، ئىكسپىلاتاتسىيە قىلىش بىلەن ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىش مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. سوتسىيالىزم جەمئىيىتىدە، ئالماشتۇرۇش سوتسىيالىستىك ئومۇم مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلىپ باراۋەرلىك، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتەك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مۈلۈكچىلىك ۋە پىلانلىق تاۋار ئىگىلىكى شارائىتىدا، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلقنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ناھايىتى زور ئىجابىي رول ئوينايدۇ.