Chinese→Uyghur主要词典
酵母菌
خىمىيە
jiào mǔ jūn
ئېچىتقۇچى باكتېرىيەDتېببىي
jiào mǔ jūn
ئېچىتقۇچى باكتېرىيە، يېئاست باكتېرىيىسىDنىفىت ئايرىش
jiào mǔ jūn
ئىچىتقۇ مىكروپلاDدېھقانچىلىق
jiào mǔ jūn
ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىDباغۋەنچىلىك
jiào mǔ jūn
ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىDئورمانچىلىق
jiào mǔ jūn
ئېچىتقۇ (فېرمېنت)
بىئولوگىيە
ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى
زەمبۇرۇغلار دۇنياسىدىكى بىر تۈر. زەمبۇرۇغ تېنى شار شەكىللىك، تۇخۇيم شەكىللىك ياكى چۇجۇق شەكىللىك بولۇپ، باكتېرىيىدىن چوڭ بولىدۇ، ئادەتتە، 1 ~ 5 × 5 ~ 30μm كېلىدۇ، بىخ چىقىرىپ كۆپىيىدۇ، بەزىلىرى جىنىسلىق خالتىلىق سپورا ھاسىل قىلىدۇ. ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى تەبىئەت دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى يۇقىرىراق بولغان ئورۇنلاردا كۆپرەك بولىدۇ. ئۇ مۇھىم ئېچىتقۇسى مىكرو ئورگانىزم. كۆپ ئەسىرلەردىن بېرى ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىدىن بەزى تەمى مەززىلىك، ئوزۇقلۇقى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئېچىتىپ ياساپ ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى. مەسىلەن، ئىسپىرت، ۋىتامىن، ئورگانىك كىسلاتا، ماي قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش؛ بەزى دۆلەتلەردە سانائەتلەشكەن ئۇسۇلدا كەڭ كۆلەمدە ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىنى ئىشلەپچىقىرىپ ئۇنى تولۇقلىغۇچى ئوزۇقلۇق ياكى يەم - خەشەك ئورنىدا ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغ ھۈجەيرىسىدىن كۆپ خىل ئەتىۋارلىق دورىلارنى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ يېقىنقى زامان بىئولوگىيىسىدە بىئوخىمىيە ۋە مېتابولىزمنىڭ ئاساسىي جەريانىنى تەتقىق قىلىشتا ھۈجەيرە مودېلى ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بىراق بەزى ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرى ئادەم، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى، بەزىلىرى يېمەكلىك، توقۇلما بۇيۇملار ۋە باشقا خام ماتېرىياللارنى چىرىتىپ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.