Chinese→Uyghur主要词典
角果
باغۋەنچىلىك,دېھقانچىلىق
jiǎo guǒ
مۈڭگۈزسىمان مېۋە
بىئولوگىيە
مۈڭگۈزسىمان مېۋە
ئۇزۇن مۈڭگۈزلۈك مېۋە (长角 silique)، قىسقا مۈڭگۈزسىمان مېۋە (短角 silicle) دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. يېرىلىدىغان مېۋىنىڭ بىرخىلى. ئۇ ئىككى دانە ئانىلىق ياپراقچىسىدىن تۈزۈلگەن مۇرەككەپ ئۇرۇقداننىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، قورساق تىكىچ سىزىقىدىن يالغان توسۇق پەردە ئۆسۈپ چىقىپ ئۇرۇقداننى ئىككى خانىگە بۆلىدۇ، تۆرەلمە تەختى ياندا ئۆسىدۇ. پىشقاندا مېۋە پوستى ئىككى تىكىچ سىزىقنى بويلاپ تۈۋىدىن ئۇچىغا قاراپ ئىككى پارچە بولۇپ يېرىلىپ، تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، پەقەت يالغان توسۇق پەردىسىلا قالىدۇ. مۈڭگۈزلۈك مېۋە كرېست گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىدە ئالاھىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى مېۋىسى ئىنچىكە ئۇزۇن بولغانلىرى ئۇزۇن مۈڭگۈزسىمان مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن قىچا، تۇرۇپ؛ مېۋىسى قىسقا كەڭ بولۇپ، ئۈچ بۇلۇڭ ياكى سىلىندىرسىمان بولغىنى قىسقا مۈڭگۈزسىمان مېۋە دەپ ئاتىلىد. مەسىلەن، بىجىق.