Chinese→Uyghur主要词典
江豚
ئۇنىۋېرسال
jiāng tún
دەريا دېلفىنى
بىئولوگىيە
دەريا دېلفىنى
<دەريا چوشقىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىنىڭ كىتابلار ئەترىتى، چاشقانسىمان دېلفىنلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ بەدەن شەكلى بېلىققا ئوخشايدۇ. ئۇزۇنلۇقى 2.1 - 6.1 مېتىر. ئەڭ ئۇزۇنلىرى 9.1 مېتىر، ئېغىرلىقى 220 كىلوگرامغا يېتىدۇ. پۈتۈن بەدىنى قارامتۇل كۈل رەڭ، بېشى قىسقا، ماڭلىيى سەل تومپايغان، كۆزى كىچىك، دۈمبە پالاقچىسى يوق، چىشى كۈچلۈك، چىشى يېنىغا ياپىلاقلىشىپ كۈرەك شەكلىگە كەلگەن. مۆتىدىل بەلباغ ۋە تروپىك بەلباغ دەريا - دېڭىز قولتۇقلىرىدىكى تاتلىق سۇلاردا ياشايدۇ. دەريالارنىڭ يۇقىرىسىغا ئۆرلەپ مىڭ يوللاپ يىراقلىقلارغىمۇ بارىدۇ. تولاراق يالغۇز ياكى ئىككى - ئۈچتىن بىرلىكتە ئۈزىدۇ. كىچىك بېلىقلار ياكى كاراكاتسىيە (سىياھ بېلىق) خىلىدىكى كىچىك سۇ ھايۋانلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۆكتەبىر ئېيىدا ھەر نۆۋەتتە بىردىن تۇغىدۇ. ئۇ ھىندىستاننىڭ غەربىي دېڭىز بويلىرىدىن باشلاپ ياپونىيىنىڭ جەنۇبىغىچە بولغان جايلارنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان. ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ چاڭجياڭ ئېغىزىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. دوڭتىڭخۇ كۆلىدىنمۇ تېپىلغان. ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىشكە، سۆڭەك ۋە گۆشىدىن ماي چەككىلەپ ئېلىشقا ھەم ئوغۇت قىلىشقا، تېرىسىدىن خۇرۇم ئىشلەشكە بولىدۇ.