Chinese→Uyghur主要词典
姜邯赞
دۇنيا تارىخى
جياڭ خەنزەن
(947 - 1031) چاۋشيەننى كورىيە سۇلالىسى دەۋرىدە قىتانلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى زەربە بەرگەن ھەربىي ئەمەلدار، ۋەتەنپەرۋەر. كيوڭگى بەگلىكىنىڭ شىشىڭ ۋىلايىتى جىنجۇدا ئۆتكەن ئادەم. بۇرۇنقى ئىسمى يېنچۈەن، ئۆلگەندىن كېيىن رېنشيەن دەپ ئاتالغان. چېڭزۇڭ دەۋرىدە ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. 1010-يىلى (شينەزۇڭنىڭ 1-يىلى)، قىتانلار پادىشاھى شېنزۇڭ قوشۇن باشلاپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، غەربىي پايتەخت پىخىنيانغا ھۇجۇم قىلغاندا، ۋەزىرلەر تەسلىم بولۇشنى مەسلىھەت قىلغان، خەنزەن قارشى چىققان ھەمدە خاننى جەنۇبقا يۆتكىلىپ، ئۇرۇشتىن پاناھداپ تۇرۇپ، كېيىنچە ئاستا - ئاستا ئامال قىلىشقا ئۈندىگەن. 1018-يىلى (شيەنزۇڭنىڭ 9-يىلى) غەربىي شىمالىي تەرەپتىكى بارگاھنىڭ باش مۇپەتتىشى، باش قوماندان بولۇپ، شىڭخۇ بازىرى (شىمالىي پىڭئەن بەگىلىكىنىڭ يىجۇ ۋىلايىتى) دا پىستىرما قويۇش ۋە سۇدىن ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسى ئارقىلىق، قىتان قوشۇنىنى ئېغىر چىقىمىغا ئۇچراتقان، كېيىنكى يىلى يەنە گۇيجۇ (شىمالىي پىڭئەن بەگلىكىنىڭ گۇيچېڭ ۋىلايىتى) دا ئۇلارنى يەنە مەغلۇپ قىلغان. تيەنشۈي ناھىيىسىنىڭ ئاساسچىسى، ئۈچيۈزلۈك ھاكىم دېگەن مەنسەپلەر بىلەن تارتۇقلانغان. دېزۇڭ دەۋرىدە ئوردا نۆكەر بېگى، تيەنشۈي ۋىلايىتىنىڭ ئاساسچىسى، مىڭبېگى قاتارلىق ئەمەللەردە بولغان.