Chinese→Uyghur主要词典
检地
دۇنيا تارىخى
يەر تەكشۈرۈش
ياپونىيىدىكى يېغىلىق دەۋرىدىن ئېدونىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىگىچە ئېلىپ بېرىلغان دېھقانچىلىق يەرلىرىنى ئۆلچەش. بۇ - فېئودال خوجىلارنىڭ دېھقانچىلىق يەر كۆلىمىنى ئېنىقلاپ، سېلىق - باجنى كۆپەيتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى. دەسلەپ يېغىلىق دەۋرىدىكى چوڭ فېئودال تاكېدا، كېيىن ئوجى، ئودا قاتارلىقلارنىڭ خوجىلىق يەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان. 1582 - يىلى تويوتسىمى خىدېكىچى ئالدى بىلەن ياماتو (ھازىرقى كيۇتونىڭ شەرقىي جەنۇبى) دا سىناق قىلىپ، ئاندىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يولغا قويغان، بۇ تارىختا <تەيگې يەر تەكشۈرۈشى> دەپ ئاتالغان. ئەگرى گەز بويىچە ئالتە گەز ئۈچ سۇڭ كۋادرات بىر ماڭدام، 30 ماڭدام بىر مو، 10 مو بىر بۆلەك (ياكى <فەن>) قىلىنغان. ئۆلكە، بىنەم يەرلەر تۆت دەرىجىگە ئايرىلغان. ئۆلچەم بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. مەھسۇلات گۈرۈچنىڭ كۈرە سانى بىلەن ھېسابلانغان. ھەر دەرىجىلىك يەرلەرنىڭ يىللىق سېلىقى بىردەك گۈرۈچكە سۇندۇرۇلغان. تېرىغۇچىلار يىللىق سېلىقنى ئۈستىگە ئالغۇچى قىلپ بەلگىلەنگەن، كەنتنى بىرلىك قىلىپ يىللىق سېلىق تاپشۇرۇلغان. يەر تەكشۈرۈش خوجىدارلارغا پايدىلىق بولغان، ئۇ قورۇق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرىنى تۈگەتكەن، ئارىلىقتىكى ئېكىسپىلاتاتسىيىنى يوقاتقان، يەر ھەدىيە قىلىپ ھەق بەلگىلەش چارىسىنى يولغا قويۇپ، ھوقۇقنىڭ مەركەزلىشىشىنى شەكىللەندۈرۈشكە ماددىي ئاساس سالغان. ئېدو دەۋرىدە <تەيگې يەر تەكشۈرۈشى> چارىسىگە ۋارىسلىق قىلىنغان، ئالدىنقىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، <يېڭى تەكشۈرۈش> دەپ ئاتالغان