Chinese→Uyghur主要词典
加腊沙宁
دۇنيا تارىخى
گاراسانىن
(1812 - 1874) سېربىيە باش ۋەزىرى (1852 - 1853، 1861 - 1867). 1834 - 1837 - يىللىرى تاموژنا ئەمەلدارى بولغان. 1837 - يىلىدىن باشلاپ كىنەز مىلوس ئوبرېنوۋىچنىڭ دائىملىق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1842 - يىلى ۋوچىچ (1790 - 1859) قوزغىغان مىخائىلو ئوبرېنوۋىچ (1839 - 1842 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) غا قارشى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان. ئىككى قېتىم ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. (1843 - 1852، 1858 - 1859)، باش ۋەزىر، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تۇرغاندا، سودا بۇرژۇئازىيىسىگە ۋاكالىتەن تاشقى سىياسەت پروگراممىلىرىنى تۈزۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى يۇگوسلاۋىيە رايونىنى سىبىرىيە پادىشاھلىق دۆلىتى ئاساسىدا ئازاد قىلىش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1866 - 1867 - يىللىرى مونتېنېگرو، گرېتسىيە، رومىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بالقان ئىتتىپاقى (1866 - 1868) نى تەشكىللىگەن.