Uyghur主要词典
جىفو ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىدىكى ئەركىنلىك - خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى مەزگىلىدە ئەركىنلىك پارتىيىسى ئەزالىرى بىلەن دېھقانلارنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭ ۋەقەسى. 3188-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1884-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە، ساكىتاما ناھىيىسى چىچىبۇ يېزىدىكى نامرات دېھقانلار كۆپ قېتىم يېزا مەھكىمىسىگە تەلەپ قويۇپ، قەرزلەرنى مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرۇشنى، ئېلىنىدىغان كەنت سېلىقىنى يېنىكلىتىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن ھەممىسى رەت قىلىنغان. 1884-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنى چىچىبۇ يېزىسى تۆۋەنكى يوشىدا كەنتىدە تەخمىنەن 3000 دېھقان ئەركىنلىك پارتىيىسىدىكى سولچىلارنىڭ رەھەرلىكىدە قوغىلاڭ كۆتۈرگەن. تاشىرو (نامرات) لېدىر، كاتوساتو (ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى) مۇئاۋىن لېدىر بولغان، ئۇلار ئىككى چوڭ ئەترەت تۈزگەن، بەش تۈرلۈك ھەربىي ئىنتىزام بەلگىلىگەن، جازانىخورلار ۋە چوڭ پومېشچىكلارنىڭ تۇرار جايلىرىنى ۋەيران قىلغان، قەرز ئالغان ھۆججەتلەرنى ۋە يەر خەتلىرىنى كۆيدۈرگەن. 2-كۈنى چىچىبۇدىكى ئومىيا يېزىسى (ھازىرقى چىچىبۇ شەھىرى) غا كىرىپ، ساقچى مەھكىمىسى ۋە رايونلۇق سوتنى ئىشغال قىلغان ھەمدە يېزىلىق مەھكىمىدە ئىنقىلاب شتابىنى قۇرغان، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كېڭىيىپ 9 - 10 مىڭ كىشىگە يەتكەن، 3-كۈنى ھۆكۈمەت قوشۇنى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلغان، 4-كۈنى ئاساسىي كۈچ تارمار قىلىنغان. قالدۇق قىسىملار چۇمما ناھىيىسى ۋە ناگانو ناھىيىسىگە يۆتكەلگەن. 11-كۈنى پۈتۈنلەي باستۇرۇلغان. سوراق قىلىش نەتىجىسىدە، 296 كىشى ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان (يەتتە كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن). 448 كىشىگە يېنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىنغان، 1642 كىشىگە جەرىمانە قويۇلغان. ئەركىنلىك - خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى مۇشۇ ۋەقە بىلەن يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، تۆۋەن باسقۇچقا.