Uyghur主要词典
جەۋزا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قەدىمكى ئاسترونومىيىدە ئون ئىككى بۇرجىنىڭ بىرى بولۇپ. = بۇرج. ، سەرەتان ۋە سەرۋى بۇرجلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. بۇ بۇرج يانمۇ يان تۇرغان ئىككى قىز شەكلىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ.
شەمسىيە قۇياش يىلى ھېسابىدا پەسلى ئايلىرىنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ، 22 - ماي 21 - ئىيۇنلارغا توغرا كېلىدۇ.
ئەتاردۇقا زۇھەل شەمشىرىنى ھەيبەت بىلەن تەڭلەر،
ھەمەل بۇرجىغا لازىمدۇر بۇگۇن جەۋزانى يىغماغلىق.
زەلىلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئاسترونومىيە
جەۋزا بۇرجى، ئېكلىپتىكىدىكى 12 بۇرجنىڭ ئۈچىنچىسى. مىلادىيە بويىچە ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئەتراپىدا قۇياش بۇ بۇرجقا كېلىدۇ. بۇ چاغدىكى مەۋسۇم <سەرەتان> بولىدۇ.