Uyghur主要词典
جەسۇر
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۈرەكلىك، باتۇر، غەيرەتلىك، قورقماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقىلىي - جىسمانىي جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن، خەۋپ - خەتەر، ئۆلۈم - يېتىم، قىيىنپىلىق - ئېغىرچىلىقتىن قورقمايدىغان شەخس.
خەلق باتۇرى. بارغا باتۇر. باتۇر بولسا بالىسى، يايراپ كېتەر ئانىسى. كۈرەش قەھرىمانى. ئەمگەك قەھرىمانى ئۆزبۇرچىنى ئورۇنلاۋاتقاندا جېنىنى ئايىمىغان ئادەم ھەقىقىي قەھرىمان. قەيسەر قارىغاي سوغۇققا پىسەنت قىلمايدۇ. ئازابنى تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور كېلىشمەسلىك دەپ قارايدىغانلار جەسۇر بولالمايدۇ. جەسۇر ئادەم ئۆز ھېسىياتىغا قۇل بولمايدۇ. مەردنى مەيداندا كۆر. غەيۇر يىگىت زوراۋاندىن قورقمايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قورقماس، ئىش - ھەرىكىتى كەسكىن.
بوشاڭ، لايغەزەل، لامزەللە
ئىش - ھەرىكىتى سۇس، كەسكىن ئەمەس.
قەيسەر ساياھەتچىگە يولنىڭ يىرىقى يوق. قەيسەر قارىغاي سوغۇققا پىسەنت قىلمايدۇ. غەيۇر يىگىت زوراۋاندىن قورقمايدۇ. جەسۇر ئادەم ئۆز ھېسسىياتىغا قۇل بولمايدۇ. لامزەللە ئەردىن كەسكىن خوتۇن ياخشى. بوشاڭ بېشىنى يەر. لايغەزەل كىشىدىن لاي ئارتۇق. جەسۇر جەڭدە، بوشاڭ كاڭدا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. خەۋپ - خەتەر، قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان؛ جاسارەتلىك، قەيسەر، يۈرەكلىك، باتۇر.
جەسۇر ئادەم.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
شىجائەتلىك، دادىل، باتۇر، قەيسەر
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەپچە)
قايتماس، مەرت، جۈرئەتلىك، جاسارەتلىك.