Uyghur←Chinese主要词典
جەنۋە گورۇھى
پسىخولوگىيە
日内瓦学派
rì nèi wǎ xué pài
بۇ «پىئاگىت گورۇھى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۋېتسارىيىلىك تەرەققىيات پسىخولوگى پىئاگىت «بىلشنىڭ پەيدا بولۇش نەزەرىيىسى» نى ئىجاد قىلغان. بۇ گورۇھ 1955 - يىلى جەنۋەدە «بىلىشنىڭ تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ خەلقئارالىق مەركىزى»نى قۇردى. ھەر قايسى ئەل پسىخولوگلىرى، لوگىكلىرى، تىلشۇناسلىرى مەركەزلىك ھالدا بالىلار بىلىشىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش مەسىلىلىرىنى بىرلىكتە تەتقىقى قىلىشتى. ئۇلار ئەقىلنىڭ ماھىيىتى ماسلىشىش، ماسلىشىش بولسا سۇبيېكتتا ئوبيېكتقا قارىتا ھاسىل بولغان ھەرىكەتكە تايىنىدۇ. بىلىم سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىنىڭ مەھسۇلى دەپ ھېسابلىغان. بۇ گورۇھ ئېكسپېرېمىنتال تەجرىبە ئارقىلىق، بالىلار تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتىنى تۆت ياش باسقۇچىغا يىغىنچاقىلىدى: (1) سەزگۈ - ئىدراك ھەرىكىتى باسقۇچى(0-2 ياش)، بۇ چاغدا پەقەت ھەرىكەتلا بولىدۇ، سەزگۈ - ئىدراك ۋە ھەرىكەت ئارىسىدا ماسلىشىش پائالىيىتى باشلىنىدۇ، مانا بۇ ئەقلنىڭ بىخلىنىش مەزگىلى؛ (2) ھېسابلاشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى (2 - 7 ياش)، بۇ چاغدا بالىنىڭ تىلىمۇ چىقىدۇ، بىر - ئىككى جۈملە گەپنى (تېلېگرامما شەكىلىدىكى تىل) قىلالايدۇ، تەسەۋۋۇرلۇق تەپەككۇر قابىلىيىتىگە ئىگە بولىدۇ C=B ،B =A ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيدۇ، لېكىن C=A دېگەن خۇلاسىنى چىقىرالمايدۇ؛ (3) كونكرېت ھېسابلاش باسقۇچى (7- 11 ياش)، بۇ باسقۇچتا بالا پەقەت كونكرېت شەيئىلەرنى ھېسابلىيالايدۇ. لوگىكىلىق تەپەككۇر پەيدا بولىدۇ؛(4) مىسال ياكى مەسىلىلەرنى ھېسابلاش باسقۇچى (11 - 15 ياش)، بۇ باسقۇچتا شەكىلنى مەزمۇندىن ئاجرىتىپ ئالالايدۇ، تەپەككۇرى شەيئىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ياكى ھېسسىي پاكىتلاردىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئابىستراكىت ئىسىملار (ياكى ئاتالغۇلار) ئارقىلىق لوگىكىلىق پىكىر يۈرگۈزەلەيدۇ ۋە مەسىلىلەرنى ھېسابلىيالايدۇ، قىياس ئارقىلىق خۇلاسە چىقىرالايدۇ، مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ، بىۋاسىتە سەزگۈ - ئىداراكسىز يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ.