Uyghur主要词典
جەمئىيەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
توپلانغان، جەم بولغان.
ئادەملەر گۇرۇھى، مەجلىش ئەھلى.
خاتىرجەملىك، تىنچىلىق:
ئۈمىد ئۇلكىم، بارچە مېھنەتلەر دەۋلەتكە ۋە .. بارچە پەرىشانلىغلار جەمئىيەتكە بات مۇبەددەل بولغاي.
نەۋايى.
4. ۋە يەئقۇب ئەلەيھىسسەلامغە بۇ فەزەندلەر مۇيەسسەر بولغاندىن سۇڭ، قوي ۋە سايىر مەۋاشىي ۋە ئۇبەيدىدىن كۆپ جەمئىيەت ھاسىل بولدى.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سىياسىي - ئىجتىمائىي مۇئەسسەسە.
تەشكىلات بۆلۈم. ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى. كوممۇنىستىك پارتىيە. گومىداڭ پىرقىسى. ئازادلىق جەمئىيىتى. ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى. ئاياللار بىرلەشمىسى. شىنجاڭدا تىنىچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى. دېموكراتىيە ئىتتىپاقى. ياشلار ئۆمىكى. ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى. مۇزىكا ترۇپپىسى. پارتىيە پاچېيكىسى. ئۈگىنىش گۇرۇپپىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<پەلس> مۇئەييەن ئىقتىسادىي بازىس ۋە ئۈستقۇرۇلمىدىن تۈزۈلگەن بىر پۈتۈنلۈك.
كىشىلەرنىڭ ئورتاق ماددىي شارائىت ئاساسىدا بىرلەشكەن توپى.
جەمئىيەت كىشىلىرى.
ھېچكىم جەمئىيەتكە ئارىلاشماق، يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ.
بىرەر مەقسەتتە تۈزۈلگەن ئىختىيارىي بىرلەشمە، ئىجتىمائىي تەشكىلات.
يازغۇچىلار جەمئىيىتى. تەرجىمانلار جەمئىيىتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
جەمىيەت، جەمئىيەتخان، جەمىيەتقىز
توپلانماق، يىغىلماق (بۇ يەردە جەمئىيەتنى سۆيۈش روھى ئەكىس ئەتكەن)