Uyghur主要词典
جەللە جەلالۇھۇ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى « ئاللانىڭ شانۇ _ شەۋكىتى بەك ئۇلۇغ! » دېگەنلىك بولىدۇ. ئاللاغا ھەمدۇسانا ئوقۇش توغرىسىدا « قۇرئان كەرىم » ۋە ھەدىستىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مۇسۇلمانلار « ئاللا» نىڭ ئۇلۇغ ئىسمىنى ئاڭلىغان ھامان « جەللە جەلالۇھۇ » دەپ ئاللادىن ھېيىققانلىقىنى ۋە ئاللاغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. « ئاللا » دېگەن سۆزنى يازغاندىمۇ « جەللە جەلالۇھۇ » دېگەن سۆزنى قوشۇپ يېزىش كېرەك. بەزىدە « ئەزرە سانا ھۇ » ( ئاللاغا بولغان مەدھىيە ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ) دېگەن سۆزنى قوشۇپ قويۇش كېرەك.