Uyghur主要词典
جەبىلتارىق بوغۇزى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
بۇ بوغۇز شەرقىي شىمالى تەرىپىدىكى جەبىلتارىق پورتىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. مىلادىيە711 - يىلى مۇر مىللىتىدىن بولغان تانگېرنىڭ باش ۋالىيسى، شىمالىي ئافرىقىلىق تارىق دېگەن كىشى قوشۇن باشلاپ بۇ بوغۇزدىن ئۆتۈپ، ھازىرقى جەبىلتارىق پورتىدىكى يوغان بىر قورام تاش ئۈستىدە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ،100 مىڭدىن ئارتۇق ئىسپانىيە ئەسكىرىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن تارىق پەرمان چۈشۈرۈپ، بۇ يەرگە بىر قورغان ياساتقان ھەم ئۇنىڭغا »جەبىلتارىق« دەپ نام بەرگەن. ئۇنىڭ ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى »تارىق تېغى« دېگەندىن ئىبارەت. كېيىن ياۋروپالىقلار شۇ سۆزنىڭ ئاھاڭى بويىچە تەرجىمە قىلىپ »جەبىلتارىق« دەپ ئاتىغان.
جەبىلتارىق بوغۇزى بىلەن ئوتتۇرا دېڭىز ياۋروپا قىتئەسى بىلەن ئافرىقا قىتئەسىنىڭ تەبىئىي پاسىلىدۇر. بوغۇزنىڭ شىمالىي تەرىپىدە ئەنگلىيىگە قاراشلىق جەبىلتارىق بىلەن ئىسپانىيە، جەنۇبىدا ماراكەش بار. بۇ بوغۇزنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى58 كىلومېتىر، كەڭلىكى13 كىلومېتىردىن43 كىلومېتىرغىچە بولۇپ، غەربى كەڭ، شەرقى تار، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى310 مېتىر كېلىدۇ. ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جەبىلتارىق بوغۇزى ئىنتايىن مۇھىم ئۆتكەل ھېسابلىنىدۇ.
جەبىلتارىق بوغۇزىدا كۈچلۈك »لېيفانت بورىنى« (ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىي قىسمىدا چىقىدىغان كۈچلۈك بوران بولۇپ، جەبىلتارىق بوغۇزى رايونىدا ئەڭ كۈچلۈك چىقىدۇ) چىققاندىن سىرت، يەنە شەرق شامىلى بىلەن غەرب شامىلى دائىم چىقىپ تۇرىدۇ، ئاتلانتىك ئوكياندىكى تۇزلۇقلۇقى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان دېڭىز سۈيى غەربتىن شەرققە قاراپ ئاققان ئوكيان ئېقىمى بىلەن بىرلىكتە دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئۈستى قىسمى (دېڭىز سۈيىنىڭ ئۈستى قاتلىمى) ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ھالدا ئوتتۇرا دېڭىزغا ئېقىپ كىرىدۇ؛ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بىرقەدەر تۇزلۇق ھەم ئېغىر بولغان دېڭىز سۈيى دېڭىز بوغۇزىنىڭ تەخمىنەن122 مېتىر كېلىدىغان چوڭقۇر جايىدىن ئاتلانتىك ئوكيانغا ئېقىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىدىغان سۇدىن ئېقىپ كىرىدىغان سۇ مىقدارى كۆپ بولغاچقا، دېڭىز سۈيى مۇقىم كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز تارىيىپ، بىر تۇز دېڭىزىغا ئايلىنىپ قالمىغان.
جەبىلتارىق بوغۇزى ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغاچقا، ئۇ ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىن ئاتلانتىك ئوكيانغا ئۆتۈپ، جەنۇبىي ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقا ۋە غەربىي ئاسىياغا بېرىشتىكى مۇھىم دېڭىز يولىغا ئايلانغان.1869 - يىلى سۇۋەيش قانىلى قېزىلىپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ پارس قولتۇقى رايونىدىكى نېفىتلىكلەر كەڭ كۆلەمدە ئېچىلغاندىن كېيىن، جەبىلتارىق بوغۇزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى. ھەر كۈنى نەچچە مىڭلىغان پاراخوتلار بۇ بوغۇزدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ، قاتناش - ترانسپورتى ئىنتايىن بېسىق.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
جەنۇبىي ياۋروپادىكى ئېبېرىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى بىلەن غەربىي شىمال ئافرىقا ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن يەر ئوتتۇرا دېڭىزىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بوغۇز - جەبىلتارىق بوغۇزى دەپ ئاتىلىدۇ. جەبىلتارىق بوغۇزىنىڭ شىمالىدا گىبرالتار تاغلىقى، جەنۇبىدا ئوسسا تاغلىقى بار. بۇ تاغلار بوغۇزنىڭ ئىككى قانىتىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. جەبىلتارىق بوغۇزى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن يەر ئوتتۇرا دېڭىزىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم سۇ يولى. بوغۇزنىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. جەبىلتارىق بوغۇزىنىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. جەبىلتارىق بوغۇزىنىڭ غەربىي تەرىپىنىڭ شىمالىدا ئىسپانىيىنىڭ تارىفا پورتى، جەنۇبىدا ماراكەشنىڭ تانژىر پورتى بار. بوغۇزنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ شىمالىدا جەبىلتارىق شەھىرى، جەنۇبىدا ماراكەشنىڭ سېئوتا پورتى بار. جگبىلتارىق بوغۇزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 65 كىلومېتر، ئەڭ تار جايى 14 كىلومېتردىن 44 كىلومېترغىچە كېلىدۇ. ئەڭ كەڭ يېرى 90 كىلومېتر كېلىدۇ. ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە بوغۇزنىڭ بىر تەرىپىدە تۇرۇپ ئىككىنچى تەرىپىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بوغۇز سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 366 مېتر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 1181 مېتر، ئەڭ تېيىز جايى 150 مېتر كېلىدۇ. بوغۇزنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىن يەر ئوتتۇرا دېڭىز سۈيى ئاتلانتىك ئوكيانغا، ئۈستۈنكى قىسمىدىن ئاتلانتىك ئوكيان سۈيى دېڭىزغا قاراپ ئېقىپ تۇرىدۇ. شورلىنىش دەرىجىسى 36% دىن 38% كىچە كېلىدۇ.