Uyghur←Chinese主要词典
جىڭدېۋاڭ
دۇنيا تارىخى
景德王
jǐng dé wáng
(؟ - 764) چاۋشيەندىكى سىللا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى (742 - 765) فامىلىسى جىن، ئىسمى شيەنيىڭ. شېندېۋاڭنىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، كۆپ قېتىم ئۇنىڭغا ئەلچى ئەۋەتكەن؛ مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، نۇرغۇن بىلىملىك كىشىلەر يېتىشىپ چىققان؛ بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇپ، نۇرغۇن بۇتلارنى قۇيدۇرغان؛ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يېڭىۋاشتىن يولغا قويغان؛ يەرلىك مەمۇرىي رايونلارنى تەرتىپكە سېلىپ، ئەسلىدىكى توققۇز ئايماقنى پۈتۈنلەي خەنزۇچە نام بىلەن ئاتىغان ۋە باش كىچىك پايتەخت، 117 ۋىلايەت، 293 ناھىيە تەسىس قىلغان؛ مەركەز ئاپپاراتلىرىنىڭ بەزى ئەمەللىرىنى خەنزۇچە نام بىلەن ئاتىغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل، سىللا دۆلىتىدە فېئوداللىق تۈزۈم يۇقىرى ئۆرلەپ تەرەققىي قىلغان مۇھىم دەۋر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.