Uyghur←Chinese主要词典
جاۋۇپ دۆلەتلىرى
دۇنيا تارىخى
昭武诸国
zhāo wǔ zhū guó
مىلادى ئەسىردىن ⅤⅢ ئەسىرگىچە بولغان دەۋردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزىبىر قەدىمكى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. بۇلارنىڭ ئاساسلىقى كانكىيە، ئارساك، ئۆرتۆپە، شاش، ماغيان، كۇشان، خارازىم، بېتىك ۋە كېش قاتارلىق توققۇز دۆلەت بولۇپ، يەنە <توققۇز جاۋۇپلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. <شىماىي سۇلالىلەر تارىخى. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى> دە خاتىرلىنىشىچە، جاۋۇپ دۆلەتلىرىنىڭ خان جەمەتلىرىنىڭ ئەجدادىنىڭ فامىلىسى ۋىن بولۇپ، توخرىيلاردىن ئىكەن، ئۇلار جۇڭگونىڭ تىلەن تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى جاۋۇپ شەھىرى (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنزىشەن ناھىيىسى) دە ئولتۇراقلاشقان. كېيىن ھۇنلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ كەتكەن ۋە ئۇ يەردە ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا خانلىق تىكلەپ، فامىلىسىنى جاۋۇپ دەپ ئاتاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. جاۋۇپ دۆلەتلىرى جۇڭگو بىلەن قويۇق ئالاقە قىلغان. ⅤⅡ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە تاڭ سۇلالىسى غەربىي تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلغان، جاۋۇپ دۆلەتلىرى ئىچكى جەھەتتىن بويسۇنۇپ، ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. ⅤⅡ ئەسىردە ئەرەبلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. جاۋۇپ دۆلەتلىرى ئىچىدىكى كانكىيە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. باشقىلىرى ئاتە دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، كېيىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقان.