Uyghur主要词典
جاۋ مىڭ تاللانما ئەسەرلىرى
领域: جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى«جاۋ مىڭ تاللانما ئەسەرلىرى» ئېلىمىزنىڭ ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئەڭ بۇرۇنقى شېئىر ۋە پروزا ئومۇمىي توپلىمى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنى جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى پادىشاھ لياڭ ۋۇنىڭ چوڭ ئوغلى شياۋ تۇڭ ئەدىبلەرنى توپلاپ بىرلىكتە تاللاپ تۈزگەن. شياۋ تۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن، «جاۋ مىڭ» دەپ ئاتالغان، شۇڭا، ئۇ باشچىلىق قىلىپ تۈزگەن بۇ تاللانما ئەسەر «جاۋ مىڭ تاللانما ئەسەرلىرى» دەپ ئاتالغان. «جاۋ مىڭ تاللانما ئەسەرلىرى» گە ئالدىنقى چىن بەگلىكىدىن لياڭ بەگلىكىگىچە بولغان7 -8 يۈز يىل ئارىلىقىدا ئۆتكەن130 ئاپتورنىڭ تۈرلۈك ژانىردىكى شېئىر، پروزا، فۇ (قەدىمكى كلاسسىك شېئىرىيەتنىڭ بىر تۈرى) قاتارلىق38 تۈر،700 نەچچە پارچە ئەسىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. ئەسەرلەرنى تاللىغاندا، ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن ئادەتتىكى ئىلمىي ئەسەرلەرنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىنغان، شۇڭا، «ئالتە دەستۇر»، «ئۆلىمالار» دىكى ماقالىلەر تاللانمىغان. بۇ شېئىر ۋە پروزا توپلىمى ئاساسەن ئالدىنقى چىن بەگلىكىدىن جەنۇبىي سۇلالىلەردىكى لياڭ بەگلىكى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە بولغان مۇھىم ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇ ھەر خىل ئەدەبىي ژانىرلارنىڭ تەرەققىيات ئىزىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مۇھىم ماتېرىياللارنى ساقلاپ قالغان.
«جاۋ مىڭ تاللانما ئەسەرلىرى» گە ئەزەلدىن فېئودالىزم دەۋرىدىكى ئەدىب، ئالىملار ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن، ھەتتا كېجۈ ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇھىم ئوقۇشلۇقى قىلىنغان بولۇپ، فېئوداللىق جەمئىيەتتە ئەدەبىيات دەرسلىكى رولىنى ئوينىغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。