Uyghur←Chinese主要词典
جاسۇسلارنى جازالاش قانۇنى
دۇنيا تارىخى
惩治间谍法
chéng zhì jiàn dié fǎ
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىدا تۈزۈلگەن قانۇن. 1917-يىلى 6-ئايدا ئېلان قىلىنغان. بۇ قانۇندا دۆلەت ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغان مەزگىلدە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتىگە ۋە غەلىبە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، غەرەزلىك ھالدا يالغان خەۋەر ۋە باياناتلارنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلارنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلغان ۋە ئارمىيە بىلەن دۆلەتنى ھاقارەتلىگەنلەرگە 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلىدۇ ۋە 20 يىلدىن تۆۋەن قاماق جازسى بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 1918-يىلى 5-ئايدا تۈزىتىش لايىھىسى ماقۇللانغان، بۇ لايىھىدە 3-ماددىنىڭ مەزمۇنى كېڭەيتىلىپ، <ئامېرىكىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى، ئاساسىي قانۇنى، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە فورمىلىرى> غا قارشى نۇتۇق ئوقۇغان، بروشيورىلارنى يازغان، ئېلان قىلغان، باسقانلار ۋە <ئۇرۇش لازىمەتلىرىنى ئازايتىشنى چاقىرىق قىلغان> لار بىردەك بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن گېرمانىيىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىەە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىشچىلاr ھەرىكىتىنى ۋە ئىلغار زاتلارنى باستۇرۇشقىمۇ قوللىنىلغان.