Uyghur主要词典
جاراڭلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جاراڭلىق ئاۋاز چىقىدىغان.
ھەرىكەت تىلدىن ياڭراق. جاراڭلىق تاۋۇش. جاراڭلىق بولسىمۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گەپتە مەزە يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
جاراڭلايدىغان، جاراڭلاپ چىقىدىغان.
داڭنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى مەكتەپ مۇھىتىنى تىترەتتى.
ئۈنلۈك، ياڭراق، كۈچلۈك.
رەھمەتجاننىڭ ئاۋازى شۇنداق جاراڭلىق ئىدى.
<تىل> تەلەپپۇز قىلغاندا تاۋۇش پەردىسىنى تىترىتىپ چىقىدىغان.
جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.