Uyghur←Chinese主要词典
جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلما
领域: بىئولوگىيە愈伤组织
yùshāngzǔzhī
Callusئەسلى مەنىسى ئۆسۈملۈك جاراھەتلەنگەندىن كېيىن جاراھەت ئورنىدا ھاسىل بولغان يېڭى توقۇلمىنى كۆرسىتىدۇ. جاراھەتلەنگەن يۈزگە يېقىن ئورۇندىكى ھايات ھۈجەيرىلەرنىڭ جاراھەتنىڭ تەسىرىدىن بۆلۈنۈش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تېز ئۆسۈپ جاراھەت يۈزىنى پۈتتۈرۈشىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئۇنىڭ سىرتقى قەۋىتى پۇرۇپكىلىشىپ جاراھەت يۈزىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇلاق ئۇلاش جەريانىدا جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلما ئۇلانغۇچى بىلەن ئۇلاق تېگىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىر تارماق مەنىسى - ئۆسۈملۈك توقۇلمىسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا ھاسىل بولغان، بەلگىلىك تۈزۈلۈشى بولمىغان توقۇلما كاللىكىدىن ئىبارەت. ئېكتوفىتوزومىنىڭ بەزى ھۈجەيرىلىرى تەندىن ئايرىپ ئۆستۈرگەن شارائىتتا ئىندۇكسىيىلىنىپ ئەسلىگە قايتىپ، بۆلۈنۈپ ئۆسۈپ بىر توپ رەتسىز نېپىز پوستلۇق توقۇلمىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل توقۇلمىنىڭ بەلگىلىك سىرتقى شەكلى ۋە ئىچكى تۈزۈلۈشى بولمايدۇ، ئۇنى داۋاملىق ئۆستۈرسە ئۆزلۈكسىز ئۆسىدۇ. جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلما مۇۋاپىق شارائىتتا يەنە دېففرېنسىيىلىنىپ يىلتىز ۋە بىخ ھاسىل قىلىش بىلەن ئۆسۈپ ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلىنىدۇ. ھەر خىل ئورگان ۋە توقۇلمىلار (ئەركىن ھۈجەيرە، پروتوپلازما، گۈل چېڭى، تۆرەلمە خالتىسى، تۆرەلمە سۈتى، تۆرەلمە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۆستۈرۈش جەريانىدا جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلمىنى ھاسىل قىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。