Uyghur主要词典
جانسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈچ - قۇۋۋىتى يوق، ماغدۇر - دەرمانى كەتكەن، ھالى - جېنى خاراب بولغان.
دۈشمەننى كۈچسىز چاغلىما، كۈچسىز دەپ بىپەرۋالىق قىلما.قۇۋۋەتسىز تاماقل تەنگە دەرمان بەرمەس. ماغدۇرسىز تېكىنىڭ قارىغايدەك مۈڭگۈزى بار. ئاغرىق ھالسىزنى تاپار. ئاتاڭ باغرىدا سەن دەرمانسىز نوقۇل، ئۆز قانىتىڭ بولمىسا ئۇچمىقىڭ مۈشكۈل. جانسىز جانسىزدىن غۇدىرار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
جېنى يوق، ئۆلۈك.
جانسىز ئادەم.
جېنى يوق نەرسىلەردىن تەركىب تاپقان.
جانسىز تەبىئەت.
كۈچى يوق، كۈچسىز؛ بوش، ئاجىز، چىدامسىز؛ نىمجان.
قول چىرىغىنىڭ بۇ جانسىز نۇرىدا ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايتتى.
كۆچمە. كەيپىياتى تۆۋەن، روھى بوش؛ تەسىرى ئاجىز، سۇس.
بۈگۈنكى يىغىن مەيدانىنىڭ داغدۇغىسى جانسىز بولۇپ قالدى.
ھاياتلىق بولمىغان، جىمجىت.
ئازاد ئەمگەكنىڭ قۇدرىتى بىلەن، جانسىز ۋادىلارغا ھايات كىرگۈزدۇق.