Uyghur主要词典
جان بار يەردە قازا بار
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ھاياتلىقتا ئاغرىق - سىلاق، تۈرلۈك ھادىسە، خېيىمخەتەر ۋە ئۆلۈمدىن خالىي بولمايدىغانلىقىنى، تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈش مۇتلەق بولۇپ، ئۆز ئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ: - بالام،«جان بار يەردە قازا بار» دېگەندەك، ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ، بالىلىرىنىڭ قولىغا قالساق، نېمە ئىشلار بولۇپ كېتىدۇ، كىم بىلىدۇ، باي مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرغان چاغدا، ئۆمۈرلۈك ئىشىڭنى تۈگىتىۋالساقمىكىن دەيمىنا، - دېدى يۇلتۇزخان ئوغلىغا.