Uyghur主要词典
جالالىددىن رۇمى
دۇنيا تارىخى
(1207 - 1273) ئىرانلىق سوفىستىك شائىر، ئىسلام دىنىنىڭ سوفىزم مەۋلىۋى مەزھىپىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى. بەلخ (ھازىرقى ئافغانىستاندا) تە تۇغۇلغان. كېيىن ئائىلىسى بىلەن غەربكە كۆچۈپ، تەخمىنەن 1226-يىلى كىچىك ئاسىيا رۇم سۇلتانلىقىنىڭ پايتەختى كونيا شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. 1230-يىلى دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شۇ جايدا ئوقۇتقۇچى بولغان. سوفىزم پېشۋاسى شەمشىددىن تەبرىزى (؟ - 1247) نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، سىرلىقلاشتۇرمىچىلىقنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. ئۆز ئەسەرلىرىنى پارىسچە يازغان. ئۇنىڭ ئاتاقلىق ئەسىرى 6 توملوق باياننامە داستان <مەسنەۋىي> (<پەند - نەسىھەت>) بىر قاتار مەسەل شېئىرىي چۆچەكلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، سىرلىقلاشتۇرمچىلىق كۆز قارىشىنى تەرغىپ قىلغان. بۇ ئەسەر سوفىزمنىڭ <قۇرئان> ى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇستازى شەمشىددىنگە ئاتىغان لىرىك شېئىرلار توپلىمى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.