Uyghur←Chinese主要词典
جاياۋارمان
دۇنيا تارىخى
阍耶跋摩七世
hūn yē bá mó qī shì
(تەخمىنەن 1120- 1219)، كېخمىر ئاڭكور سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (1181 - 1219). دەسلەپكى يىللىرىدا چامبا پۇرادا ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1177-يىلى چامپا پۇرا قوشۇنى ئاڭكورغا بېسىپ كىرىپ، مەملىكەتكە بالايئاپەت باغدۇرغان، پادىشاھ ئۆلگەن، ئۇ لەشكەر يىغىپ ۋەتەننى قۇتقۇزشقا ئاتلانغان ۋە بىر قانچە يىل ئۇرۇشۇپ، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقارغان. 1181-يىلى تاج كىيىپ پادىشاھ بولغان. 1190-يىلى چامپاپۇراغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنڭ پادىشاھىنى ئەسىر قىلغان ۋە ئوغلىنى پادىشاھ قىلغان ئۇزۇن ئۆتمەي چامبا پۇرا مۇستەقىل بولغان، 1203-يىلى ئۇنى قايتىدىن ئىستىلا قىلغان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ماھايانا مەزىپىگە ئېتىقا قىلىپ، مەشھۇر ئەگكورانى پايتەخت قىلىپ قۇرغان. يېڭى پايتەختتە ۋە ھەر قايسى جايلاردا ئىبادەتخانىلارنى كۆپلەپ ياساتقان ھەمدە لەڭگەر ۋە دوختۇرخانىلارنى كۆپلەپ قۇرغان. بۇ، ئاڭكور سۇلالىسىنىڭ گۈللەپ ياشنىغان دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا تارىخى
耶跋摩二世
yē bá mó èr shì
(تەخمىنەن 770 - 850) كېخمىر ئاڭكور سۇلالىسىنى قۇرغۇچى (تەخمىنەن 802 - 850). مىلادى ⅤⅢ ئەسىرنىڭ ئاخرىىدا سايلېندرا سۇلالىسى كېخمىرنى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن ياۋاغا ئېلىپ بېرىلغان. كېيىن بېقىندا سۈپىتىدە دۆلىتىگە قايتىپ تەختكە ئولتۇرغان. تەخمىنەن 802 - يىلى سايلېندارا سۇلالىسىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان ۋە ئۆزىنى ئالەمنىڭ شاھى دەپ ئاتىغان. سۋا مەزھىپىنى دۆلەت دىنى قىلىپ، دېۋاراجا (ئىلاھالار شاھى) غا ئېتىقاد قىلغان. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئىنداراپۇرا (ھازىرقى باڭكەن شەھىرىنىڭ شەرقىدە)، خارىخارالارلار (ھازىرقى سىيامنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا)، ئامارېندرا پۇرا ۋە ماخېندرا پارۋاتا (تونلى ساپ كۆلىنىڭ شىمالىدا) قاتارلىق شەھەرلەرنى پايتەخت قىلىپ قۇرغان ھەمدە ھەرقايسى شەھەرلەردە بۇتخانا ياساتقان.
دۇنيا تارىخى
阍耶跋摩五世
hūn yē bá mó wǔ shì
(؟ - 1001)، كېخمىر ئاڭكورا سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (968 - 1001). كىچىك چېغىدىلا تەختكە ئولتۇرغان، براھمان ئاقسۆڭەكلىرى ئۇزاق مۇددەت مۇۋەققەت ھاكىملىق قىلغان. ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، دۆلەت ئىچىدە مەدەنىيەت - سەنئىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ دالىق باندىسلېي ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرغان.