Uyghur主要词典
جاي
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئورۇن، ماكان، يەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم بىر بوشلۇق، بۆلەك، بىر قىسىم.
جاي بەرگەنگە جان بەر. ئورۇننىڭ تارلىق، كۆڭۈلنىڭ تارلىقى خورلۇق. ئورۇن ئادەم كۆركى ئەمەس، ئادەم ئورۇن كۆركى. ئەقىل بار يەردە يول بار. پەن ھەممە يەردە ماكان تۇتىدۇ، بىراق ئۇرۇق سېلىمىغان يەر ھوسۇل بەرمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىرەر كىشى ياكى نەرسە ئورۇنلىشىپ تۇرغان، ئىگىلىگەن ۋە ياكى ئورۇن ئالىدىغان يەر، ئورۇن، بوشلۇق.
ئوقۇغۇچىلار تۇرغان جاي.
بىرەر ۋەقە، ھادىسە يۈز بەرگەن يەر؛ ئىش - ھەرىكەتنىڭ بولۇپ ئۆتكەن ئورنى.
سابىر نىياز قۇرباننىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، يار ئالغاي جاي ئېتىلىپ بولغانىدى.
بىرەر نەرسە ياكى ئىش - ھەرىكەتكە ماس، مۇۋاپىق ئورۇن.
ئىقتىدارلىقلارنى ئۆز جايىغا قويۇش كېرەك.
بىرەر خۇسۇسىيىتى بىلەن ئاجرىلىپ تۇرىدىغان بەلگىلىك يەر.
تامنىڭ تۇتاشقان جايى.
يەر يۈزىدىكى مەلۇم مەمۇرىي رايون؛ يۇرت.
ئۇ بىر چوڭ سودىگەر بولۇپ، دۇنيانىڭ ھېچ يېرىدە ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن جاي يوق ئىكەن.
(كۆپلۈك ساندا) مەركەزدىن يىراق چەت يەرلەر، مەھەللە، يېزا - كەنتلەر.
پاكىتلار جايلار ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنىڭ ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
مەلۇم نەرسىنىڭ بىر قىسمى، بۆلىكى.
ئادىلجان دوكلاتتىكى ئاستىغا قارا سىياھدا بەلگە ئۇرۇلغان جايلارنى قايتا - قايتا ئوقۇشقا باشلىدى.
ھايات كەچۈرۈش، يېتىپ - قوپۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يەر؛ ۋەتەن، ئۆي - ماكان.
جايى يوقنىڭ جېنى يوق (ماقال).
يېتىپ قوپۇش، ئولتۇرۇش ئورنى؛ ئورۇن؛ ئورۇندۇق.
بىزگە بىر ياخشىلىق قىلىپ، بۈگۈن كېچە ئۆيىڭىزدىن جاي بەرسىڭىز، - دېدى ئەنجەد.
ئىش، خىزمەت، ۋەزىپە، ئورۇن.
دېگەندەكلا مەغپىرەت ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، دادىسىنىڭ <ئاغزىنىڭ يېلى> بىلەن ياخشى جايغا ئورۇنلاشتى.
كېرىيە ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
= جا.
قىلىپ ھەمىنشىنلىق ئاڭا ئىككى ئاي،
يانىد ا بېرىپ تۇرغالى ياخشى جاي.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.