Uyghur←Chinese主要词典
جاھاندارلىق
دۇنيا تارىخى
顺世论
shùn shì lùn
قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماتېرىيالىستىك پەلسەپە ئېقىمى. سانسىكرىت تىلىد <لوكاياتا> بولۇپ <پانىي ئالەم پەلسەپىسى> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. جۇڭگونىڭ تاىرخى كىتابلىرى ۋە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان بۇددا نوملىرىدا <جاھانسازلىق> يكى <جاھان سەپىرى> دەپ ئېلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرى مىڭىنچى يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنى مەزگىلىدە پەيدا بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا مۇئەييەن تەسىر قوزغىغان. دۇنيا <تۆت چوڭ ئاناسىر> دىن (تۇرپاق، سۇ، ئوت ۋە ھاۋا) تەركىپ تاپقان، دېگەن كۆز قاراشنى تەشەببۇس قىلغان. كاھىنلار سىنىپىغا، ۋېدا نوملىرىغا ۋە ئات ئۇلاق ئۆلتۈرۈپ نەزىر - چىراغ قىلىش ئىشلىرىغا قارشى تۇرغان؛ نەپسى - ھەۋەسلەردىن قول ئۈزۈش ۋە تەركىيدۇنياچىلىققا، تەڭسىز نەسەب تۈزۈمىگە قارشى چىققان. قۇللۇق جەمئىيەتتە خاتا نۇقتىئىنەزەر، يات ئېتىقاد دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ ئەكس ئەتتۈرگەن كۆز قاراشلىرىدىكى ئەسەرلەنىڭ مۇتەلق كۆپ قىسمى كۆيدۈرۈلگەن ياكى يوقىلىپ كەتكەن. قارشى تۇرغچىلار جاھاندارلىق پەلسەپىسىنى <بۇ دۇنيادىكىلەرنى ئەپچىل سۆز -ئىبارىلەر بىلەن قايمۇقتۇرغان> دەپ ھاقاراتلەپ <چارۋاكا>، مەنىسى< >تۆت تادۇ<(يەنى تۇپراق، سۇ، ئوت ۋە ھاۋادىن ئىبارەت ئېېمېنت) دەپ ئاتىغان؛ يەنە بەزىلەر >چارۋاكا< بۇ پەلسەپەنىڭ ئىجادچىسى دەپ قارىغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردە ياشىغان ئاگدۇ قاتارلىقلار جاھاندارلىق پەلسەپىسىنىڭ مۇتەپەككۇرلىرى ھېسابلىنىدۇ.