Uyghur主要词典
جاڭگال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەل - دەرەخ، چاتقاللار بۈك - باراقسان يەر.
<جاڭگال>، <توقاي> ئومۇمەن چاتقاللىق.
يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى (تەخمىنەن تۆت مىليارد 100 مىليون گىكتار يەر) ئورمان بىلەن قاپلانغان. پۈتۈن دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە ئورمان قاپلىنىش نىسبىتى 31.7 پىرسەنت. ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى يۇقىرىراق مەملىكەتلەر مۇنۇلار: سولومون تاقىم ئاراللىرى 90 پىرسەنت، پاپوئا يېڭى گۋىنىيىسىنىڭ 85 پىرسەنت، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى 80 پىرسەنت، ياپونىيە 07 پىرسەنت، فىنلاندىيە 69 پىرسەنت، شۋېتسىيە 58 پىرسەنت، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 35.7 پىرسەنت، كانادا 35 پىرسەنت، ئامېرىكا 32.3 پىرسەنت، رومىنىيە 27 پىرسەنت. جاڭگالدا ھاڭرىغان ئېشەك، شەھەردە ھاڭرىيالماس. بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى. ئەل ئارىلىغان سنىچى، توقاي ئارىلىغان ئوۋچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يۇلغۇن، سۆكسۆك، يانتاق، كۆرۈك، توغراق... قاتارلىقلار ئۆسىدىغان، ئادەم ياشىمايدىغان جاي.
جاڭگالدا ھاڭرىغان ئېشەك شەھەردە ھاڭرىيالماپتۇ (ماقال).
جاڭگالدا ئۆسىدىغان يۇلغۇن، سۆكسۆك، يانتاق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر.
بۇ يەرنىڭ جاڭگىلى شالاڭ ئىكەن، ئوتۇننى جاڭگىلى قويۇقراق يەردىن ئالايلى.
كۆچمە. قالايمىقان، باش - ئايىغى ئېنىق بولمىغان، چۇۋالچاق، چۈشىنىكسىز، رەتسىز نەرسە.
- سېنىڭ ئوقۇيدىغىنىڭ تازا بىر گادىرماچ جاڭگال ئوخشايدۇ، - دېدى ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىغان تىللاخان ئانا قىزى ئانارغا.