Uyghur←Chinese主要词典
جاڭ دىڭنىڭ فرانسىيىگە قارشى كۈرىشى
领域: دۇنيا تارىخى张定抗法斗争
zhāng dìng kàng fǎ dòu zhēng
جەنۇبىي ۋيېتنام خەلقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى فرانسيىگە قارشى كۈرىشى. بۇ كۈرەشكە جاڭ دىڭ ( 1820 - 1864) رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ ئەسلى كۇاڭيىنىڭ پىڭشەن دېگەن يېرىدىن ئاتىسى جياڭ دىڭنىڭ لەشكەر بېشى بولغاندا جەنۇبقا كۆچۈپ كەلگەن. كېيىن ئۇ مۇئاۋىن لەشكەر بېشى ۋە لەشكەر بېشى بولغان. 1858 - 1862 - يىللىرى فرانسىيە ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1860-يىلى ئۇ ئىگۇڭ، تەنئەندە لەشكەر تارتىپ فرانسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغاچقا، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇپ، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قاتتىق زەربە بەرگەن. 1862-يىلى رۇەن سۇلالىسى تەسلىم بولۇپ، فرانسىيە بىلەن تۇنجى <سايگون شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان ھەمدە پىدائىيلار قوشۇنىنى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇنى ئان گياڭغا يۆتكىگەن. ۋەتەنپەرۋەر ئارمىيە ۋە خەلقلەر ئۇنى قەتئىي ئېلىپ قېلىپ، غەربنى تىنچىتىش سەردارى قىلغان. ئۇ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا داۋاملىق رەھبەرلىك قىلىپ، تاجاۋۇزچىلارغا زەربە بەرگەن. كۈرەشنى ئۈچ يىل داۋاملاشتۇرغان. 1864-يىلى 8-ئايدا خائىننىڭ مەخپىي مەلۇم قىلىشى بىلەن قۇربان بولغان. پىدائىيلار قوشۇنى پارچىلانغان، كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى جاڭ جۇەن ۋيېتنام - كامبودژا چېگرىسىدا فرانسىيىگە داۋامىلق قارشى تۇرۇپ، كۈرەشنى 1870-يىلىغىچە داۋاملاشتۇرغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。