Uyghur主要词典
جىڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. جىڭنى بىرلىك قىلغان تاراز، قاداق.
جىڭ تېشى، جىڭ نوتىسى، جىڭ ئىلمىكى.* جىڭلىماق، جىڭغا ئولتۇرماق.* ئابدالغا كەپسەن بەرسە جىڭىڭ ساقمۇ دەپتۇ ( ماقال ).* جىڭنىڭ گۆشى ( ماقال ).
2. مىقدار سۆز. جۇڭگوچە ئېغىرلىق ئۆلچىمى. مىقدارى 500 گرام كېلىدۇ. كونا جىڭ 16 سەر ئىدى، شەھەر جىڭى ئون سەر .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
خەنزوچە ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكى. تۈننىڭ بەش بۆلىكىنىڭ بىرى.
ئىككى جىڭغا جاڭ ئۇرۇلدى.* تۈن كېچە ئۈچ جىڭدا نېمە قىلىپ يۈرىسەن؟
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ھەق، راست، ساپ . ئانتونىمى: جا. جىڭ گەپ.* جىڭ ئالتۇن ئوتتىن قورقماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابلىرى.
«گىر» ئاشلىق ئۆلچەيدىغىنى.
تارازا ئېغىر - يېنىكلىكىنىڭ ئۆلچىمى، ئەمەلىيەت - ھەق ناھەقلىقنىڭ سىناق تېشى. ئادىل سۆز - ئەقىلنىڭ تارازىسى. جىڭنىڭ گۆشى _ جىننىڭ گۆشى. جىڭدا توختايدىغان گەپنى قىل. مىسقالدا ئالتۇن - كۈمۈشنىڭ پەرقى يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەمەلىي پاكىتقا ئۇيغۇن، يالغىنى يوق.
ئەخمەققە يالغانمۇ راست بولار. راست گەپكە جاۋاب يوق. راستنى قوللاش شەرەپ. چىن گەپ جاندىن ئۇلۇغ. «جىڭ ئالتۇن سىناق تېشىدىن قورقماس.» ھەق سۆز ئاچچىق بولار. ھەقنىڭ رىزقى ھەق. ھەق ئۆلۈم ئابروي. توغرا يۈز؛ توغرا سۆزلە؛ توغرا ئاڭلا؛ توغرا تۇر؛ توغرىنى دە؛ توغرىنى كۆر؛ تۈز كەس، توغرا ئېيت. تۈز دەرەخنىڭ پايدىسى تولا، تۈز ئادمنىڭ دوستى. ھەقىقىي سۆزگە قەسەم كەتمەيدۇ. ھەقىقىي بەخت قان - تەردىن كېلىدۇ. دوستۇڭغا دۇرۇس سۆزلە. جېنىڭنى ئېلىشقا قىلىچ تاڭلەنسىمۇ لىللا گەپ قىل.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوبيكتىپ رېئاللىققا ئۇيغۇن، ھەق ۋە ھەقىقىي. راست سۆز، چىن مال، جىڭ ئالتۇن
يالغان، ساختا، جا
ئوبيېكتىپ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس، ھەق ۋە ھەقىقىي ئەمەس. يالغان سۆز، ساختا مال، جا ئالتۇن
راست بىلەن يالغان بىر يەردە جەم بولماس. راستنى كۆرسە يالغان قاچىدۇ، يولۋاسنى كۆرسە تايغان (قاچىدۇ). قۇلاق ئاڭلىغان يالغان، كۆز كۆرگەن راست. راست ئېيتقان تۇتۇلۇپ، يالغان ئېيتقان قۇتۇلىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. بىر يالغاننى يېپىش ئۈچۈن ئون يالغان يېتىشمەيدۇ. ھەقىقىي سۆزنىڭ كۈچى چىن بولغانلىقىدا. جىڭ ئالتۇن ئوتتىن قورقمايدۇ. جا دورا جاننى ئالىدۇ. ساختا مالنىڭ ئۇۋىسىنى تېپىش ئاسان.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى ۋە ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ نامى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى (斤) دىن كەلگەن. كوروپاتكىن ئەينى دەۋردە بىر جىڭنى 5.1 قاداققا باراۋەر قىلىپ ھېسابلىغان. شاۋ ئەپەندىنىڭ ھېسابلىشىچە بىر جىڭ 10275 قاداققا تەڭ ئىكەن. ھازىر بۇ ئۆلچەم بىرلىكنىڭ قوللىنىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى. نۆۋەتتە خەلقئارادا بىر جىڭ 500 گرامغا ياكى 5.0 كىلوگرامغا تەڭ.
ئېلىزنىڭ ئەنئەنىۋى بازار سىستېمىسى ئۆلچىمىدە بىر جىڭ 10 سەرگە تەڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
خەنزۇچە
راست، يالغىنى يوق، ئىشەنچىلىك.
جىڭ گەپ. جىڭ ئادەم.
باشقا نەرسە ئارىلاشمىغان، ساپ.
جىڭ ئالتۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىق. ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. مىقدارى ئادەتتە ئون سەر ياكى يېرىم كىلوگرامغا تەڭ بولىدۇ، كونا جىڭ ئون ئالتە سەرگە تەڭ ئىدى.
بىر جىڭ گۆش. بىر جىڭ ئۇن.
ئى. جىڭنى بىرلىك قىلغان ئۆلچىگۈچ، تارازا.
جىڭغا سالماق. جىڭدا تارتماق.