Uyghur←Chinese主要词典
يېزا كوممۇنىسى
دۇنيا تارىخى
农村公社
nóng cūn gōng shè
ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى ئورنىغا بارلىققا كەلگەن يېزا - قىشلاق ئورتاق گەۋدىسى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان، تېررىتورىيە مۇناسىۋىتى بويىچە بىرلەشكەن. يېزا (يېزا - قىشلاق) يېڭى تاش قورال دەۋرىدىلا بارلىققا كەلگەن (دېھقانچىلىق بىلەن بىر ۋاقىتتا دېگۈدەك پەيدا بولغان) بولۇپ، دەسلەپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇرۇق - قەبىلىلەرنىڭ تۇرۇشلۇق ماكانى بولغان. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆسۈشى (مېتال قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشى)، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىمات ۋە ئايرىۋاشلاشنىڭ تەرەققىياتى تۈپەيلىدىن، پەيدىنپەي باي - كەمبەغەللىشىش ۋە سىنىپ بارلىققا كېلىپ، قانداشلىقنى تۈگۈن قىلغان ئۇرۇق - قەبىلە يىمىرىلىشكە قاراپ يۈزلىنىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن يەككە ئائىلىلەر بۆلۈنۈپ چىققان. بۇ خىل ئائىلىلەر تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ھامان ئۆز ئۇرۇقىدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتلارغا بېرىپ، تارقاق ئولتۇراقلاشقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياقا يۇرتلاردىن كۆچمەنلەرمۇ كېلىپ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئارىلاشما مەھەللىلەر، يەنى ئوخشاش بولمىغان ئۇرۇق ئەزالىرى بىلەن كۆچمەنلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلار بارلىققا كەلگەن. ئۇلار ئۆزئارا قوشنا بولۇپ ياشاپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان كىشىلەرنىڭ يېڭى ئورتاق گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن كونا ئۇرۇق - قەبىلە يېزا ئورنىنى يېزا كوممۇنىسى ئالغان. يېزا كوممۇنىسىدا، ئومۇمەن، تېرىلغۇ يەر، ئورمان، يايلاق، كۆل - كۆلچەك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كوممۇنىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان، قورۇ - جاي، چارۋا، دېھقانچىلىق سايمانلىرى، مەھسۇلات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يەككە ئائىلىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن. تېرىلغۇ يەر دەسلەپ كوممۇنا (باشقۇرۇش ئورگىنى) تەرىپىدىن قەرەللىك ھالدا ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەقسىم قىلىنىپ بېرىلگەن، كېيىن پەيدىنپەي خۇسۇسىينىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كەتكەن. شۇڭا يېزا كوممۇنىسى - ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكىدىن خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىككە قاراپ ئۆتۈش خاراكتېرىدىكى ئۆتكۈنچى جەمئىيەت تەشكىلىي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تېررىتورىيە مۇناسىۋىتى ئاساسىدا بىرلىشىش - بۇ يېزا كوممۇنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان. دېھقانچىلىق بىلەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن، ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان يېزا كوممۇنىسى، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن سىنىپىي جەمئىيەتكە قاراپ ئۆتۈۋاتقان ئۆتكۈنچى دەۋرىدە (مەسىلەن: گېرمانلاردا <ماركا>، شەرقىي سلاۋىيانلاردا <ۋىلىف> كوممۇنىسى قاتارلىقلار) كەڭ كۆلەمدە بارلىققا كەلگەن ھەمدە ئۇنىڭ قالدۇقلىرى قۇللۇق، فېئوداللىق، ھەتتا كاپىتالىستىك جەمئىيەتتىمۇ، ھەتتا كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ بەزى تەرەققىي تاپمىغان رايونلىرىدىمۇ ئۇزۇنغىچە ساقلانغان.