Uyghur←Chinese主要词典
يېڭى ئەنگلىيە ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
新英格兰联盟
xīn yīng gé lán lián méng
1643 - يىلى شىمالىي ئامېرىكىدىكى يېڭى ئەنگلىيىنىىڭ ماسساچۇسېت دېڭىز قولتۇقى، پلىمۇت، كوننېكتىكۇت ۋە يېڭى خاۋىندىن ئىبارەت تۆت مۇستەملىكىدىن تەشكىل قىلىنغان مۇداپىئە ھەمكارلىق دوستلۇق ئىتتىپاقى. 1642 - يىلى ئەنگلىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنى كونترول قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن. يېڭى ئېنگلاندتىكى مۇستەملىكىلەر فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ۋە ئىندىئانلرنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرۈپ، ئورتاق - مەنپەئەتنى قوغداش ئۈچۈن ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا ئۆزلىرى بىرلىشىپ 11 ماددىلىق ئىتتىپاق نىزامىنى تۈزگەن. ھەربىر مۇستەملىكىدىن ئىككى نەپەر ۋەكىل سايلاپ چىقىلغان. ۋەكالەت مۇددىتى بىر يىل قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئىتتىپاق پارلامېنتى تەشكىل قىلغان. ئىتتىپاق پارلامېنتى مۇداپىئە كۆرۈش، چېگرا ماجىراسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغان؛ ھەرقانداق قارار بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن؛ لېكىن مۇستەملىكىلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى يەنىلا ئۆزلىرى باشقۇرغان. بۇ، شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1675 - يىلى ئىتتىپاق ئىندىئانلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغان، يەنى فىلىپ كىڭ ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىك دائىرىلىرىنىڭ ئارىلىشىشى ۋە مۇستەملىكىلەر ئوتتۇرىسىدىك زىددىيەت تۈپەيلىدىن ئىتتىپاق 1684 - يىلى پارچىلانغان.