Uyghur←Chinese主要词典
يېڭى ئاساسىي نىزام پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
新宪政党
xīn xiǎn zhèng dǎng
تۇنىستىكى سىياسىي پارتىيە. 1934 - يىلى ئاساسىي نىزامچىلار پارتىيىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان كۆپ سانلىقلاردىن تەركىب تاپقان. 1946 - يىلى تۇنىسنىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1950 - يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. 1952 - يىلىدىن باشلاپ فرانسىيىگە قارشى ھەرىكەتكە يېڭىۋاشتىن قاتنىشىپ، قوراللىق كۈرەشنى تەشكىل قىلغان. 1954 - يىلى فرانسىيىنىڭ تۇنىسنىڭ ئىچىدىكى قىسمىدا ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش لايىھىسىنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەتكە يەنە قاتناشقان. 1956 - يىلى فرانسىيە تۇنىسنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولۇپ قالغان. 1957 - يىلى ھۈسەيىن خاندانلىقى بىكار قىلىنىپ، تۇنىس جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. رەئىس بورگىبا (1903 -) زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. 1964 - يىلى سوتسىيالىستىك ئاساسىي نىزاملىق پارتىيە دەپ ئۆزگەرتىلگەن