Uyghur←Chinese主要词典
يۇتۇش رولى
بىئولوگىيە
吞噬作用
tūnshìzuòyòng
قاتتىق دانىچىلەرنى ھۈجەيرىگە يۇتۇش رولىدۇر. ھۈجەيرە پلازما پەردسىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق قاتتىق ماددا دانىچىلىرى ياكى ھۈجەيرە پەردىسىدىن ئۆتەلمەيدىغان چوڭ مولېكۇلا دانىچىلىرى، باكتېرىيە، باشقا ھۈجەيرە، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۇششاق پارچىلىرى ھەمدە يات ماددا دانىچىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەكىللىك تەركىبلەرنى يۇتىدۇ. بەدەندىكى نېيترالغان مايىل ئاق قان ھۈجەيرىلىرى، توسىمان، ئىچكى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى، مەسىلەن، چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ باكتېرىيىلەرنى يۇتۇش جەريانى يەنە باكتېرىئوفاگ (باكتېرىيە يۇتۇش) رولى دېيىلىدۇ. يۇتۇش رولىنىڭ جەريانى مۇنداق: ئالدى بىلەن قاتتىق ماددا دانىچىسى ھۈجەيرە پەردىسىگە چاپلىشىدۇ، جايلاشقان ئورۇندىكى پلازما پەردىسى ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ كىچىك خالتىنى ھاسىل قىلدۇ - دە، قاتتىق ماددا دانىچىسى ئۇنىڭ ئىچىدە ئورىلىپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن كىچىك خالتا پلازما پەردىسىدىن ئاجراپ ھۈجەيرىنىڭ ئچىكى قىسمىغا ئۆتۈپ، يۇتۇلغان تەنچىنى ھاسىل قىلىدۇ. يۇتۇلغان تەنچە ھۈجەيرىدىكى دەسلەپكى ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسى بىلەن بىرىكىپ، ئىككىلەمچى ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى يۇتۇلغان قاتتىق ماددىنى دەسلەپكى ئېنزىم تەنچىسىدىكى ئېنزىملار ھەزىم قىلىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى سۈمۈرۈۋېلىنغاندىن كېيىن قالدۇققا ئايلىنىدۇ، بۇسىرتقا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. يۇتۇش رولى جانلىقلار تېنىدىكى بەزى ھۈجەيرىلەرنىڭ بىر خىل ئالاھىدە فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيىسى بولۇپ، قوغداش سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. بەزى ھۈجەيرىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوڭ مولېكۇلىلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئالىدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن.
ئاناتومىيە
吞噬作用
tūn shì zuò yòng