Uyghur主要词典
يۇڭ تارىغۇچى ئىشچىلار قوزغىلىڭى
领域: دۇنيا تارىخىجۇل - جۇللار قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1378 - يىلى ئىتالىيىدىكى فلورېنسىيە يۇڭ تاراش ئىشچىلىرى ۋە كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سىرتىدىكى ئۇششاق ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قوزغىلىڭى. ⅩⅣ ئەسىردە، فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتىدە يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە كاپىتالىزمنىڭ يۇڭ توقۇمىچىلىق سانائىتىدە ئەۋج ئېلىشغا ئەگىشىپ، قوي يۇڭى تارىغۇچى ئىشچىلار كۆپلەپ كۆپەيگەن. ئۇلارنىڭ كۈنلۈك ئەمگەك ۋاقتى 14 - 16 سائەتكە يەتكەن، ئىش ھەققى بەك ئاز بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى سايلىمىغا قاتنىشىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان. كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سىرتىدىكى ئۇششاق قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئورنى قوي يۇڭى تارىغۇچى ئىشچىلارنىڭكىگە يېقىن بولغان. 1378 - يىلى 6، 7 - ئايلاردا، قوزغىلاڭچىلار بايلارنىڭ قوي - ئىمارەتلەرنى كۆيدۈرگەن، شەھەر مەمۇرىيىتى ئورگانلىرى ئاقساقاللار يىغىنىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، باشقىدىن قوي يۇڭى تاراش ئىشچىسى لاندو رەھبەرلىك قىلغان يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان ھەمدە يۇڭ تاراش ئىشچىلىرى، ماشىنىچىلار، ساتىراشلار ئۇيۇشمىسى دېگەن ئۈچ يېڭى كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللەش، خەلق ئەسكەرلىرى بەرپا قىلىش، نەچچە ئونلىغان <خام سېمىزلەر> (چوڭ سودا - سانائەتچىلەر) نى مەمۇرىيەتكە قاتنىشىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش، دارامەتكە قاراپ ئېشىپ بارىدىغان باج ئېلىش، كەمبەغەللەرگە قوتقۇزۇش ئاشلىقى بېرىشكە ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللانغان. <خام سېمىزلار> ئىتتىپاق تۈزۈپ ئوقەتنى توختىتىپ، ئىشچىلارنى ئىشسىزلىق ۋە ئاچارچىلىق ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويغان ھەمدە لاندونى سېتىۋالغان. شۇ يىلى 8 - ئايدا، قوي يۇڭى تاراش ئىشچىلىرى يېڭى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، لېكىن تەشكىللەش ياخشى بولمىغانلىقى ۋە ئۇششاق قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ تۇراقسىزلىقى ئارقىسىدا مەغلۇپ بولغان. 9 - ئايدا، ئۈچ يېڭى كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، <خام سېمىزلار> يېڭىۋاشتىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن. بۇ قوزغىلاڭ تارىختا ياللانما ئىشچىلارنىڭ ئۇستىخانا ئىگىلىرىگە قارشى قىلغان تۇنجى قوزغىلىڭى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。