Uyghur主要词典
يۇقىرى پالاتا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پەلسەپە
بەزى دۆلەتلەردىكى ئىككى تۈزۈملۈك پارلامېنتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى. يۇقىرى پالاتانىڭ تۆۋەن پالاتا ماقۇللىغان قانۇن لايىھىسىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. پالاتا ئەزالىرى بىۋاسىتە سايلام ياكى دۆلەت باشلىقىنىڭ كۆرسىتىشى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۆۋەن پالاتا ئەزالىرىنىڭكىدىن ئۇزۇنراق بولۇپ، بەزىلىرى ئۆمۈر بويى ۋەزىپە ئۆتىسە، يەنە بەزىلىرى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرىدۇ.